تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قومۇل شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كارخانىلىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چۇ خۇيفاڭ، ليۇ ياخۇي خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى، قومۇل جىنفېڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى، جۇڭچې يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خەيجۇاڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئاساسىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  بۇ شىركەتنىڭ ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش لىنىيەسىدە 15 ئىشچى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇردى. ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئالتە ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايرىلغان بولۇپ، ھەر بىر رايون بىر ئىش تەرتىپى بويىچە بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى خادىملارنىڭ سانىنى بەشتىن ئاشۇرماي، گىرەلەشمە مەشغۇلات قىلىش ۋە خادىملارنىڭ يىغىلىپ مەشغۇلات قىلىشىدىن ساقلاندى.

  بۇ شىركەتتىكى ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل ئومۇمىي قۇراشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى لياڭ تېڭفېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2- ئاينىڭ 15- كۈنى، 15 ئىشچى زاۋۇتقا كىرىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، نۆۋەتتە چەت ئەللىك خېرىدارلار زاكاز قىلغان 24 دانە 2.5_130 يۈرۈشلۈك شامال ئېلېكتىر ماشىنىلىرى گۇرۇپپىسى تۈرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ شامال ئېلېكتىر تۈرى تاماملىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋېتىپتۇ.

  قومۇل جۇڭچې يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى جىنفېڭ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى شامالدۇرغۇچ گېنېراتورى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ كارخانىنىڭ ياساش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى خادىمى جياڭ تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2 ئاينىڭ 15- كۈنى، شىركەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 50 خادىمى زاۋۇتقا قايتىپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، نۆۋەتتە 2-تۈركۈمدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش ئىشلىرى ماسلاشتۇرۇلۇۋېتىپتۇ.

  2- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ خەيجۇاڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدا تېخنىك خادىم ماشىنا بۆلمىسىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. 2- ئاينىڭ 13- كۈنى، بۇ شىركەتنىڭ 20 خىزمەتچىسى ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 

     ئىگىلىنىشىچە، قومۇل يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ئىچىدىكى شامال ئېلېكتىر كارخانىلىرى ئاساسلىق شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. 2020-يىلى دۆلەت سىياسىتىنىڭ پايدىلىق ئىلھامى ئاستىدا، ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر كۈچى ساھەسى مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىپ، قومۇلنىڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساپ ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى