− ۋۇخەندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچى توغرىسىدا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان جاي، بىر شەھەر، بىر ئۆلكە پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك −
خۇبېي ئۆلكىسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار سانى ئۇزاق ۋاقىتقىچە مەملىكەت بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار سانىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ كەلدى؛ ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار سانى ئۇزاق ۋاقىتقىچە پۈتۈن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ كەلدى. ۋۇخەن غەلىبە قىلسا خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ!
ئاچقۇچلۇق جەڭ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر ۋە مۈشكۈل −
ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇپ قېلىندى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا: «شۇنى ئېنىق كۆرۈش كېرەككى، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇم تەرەققىياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى تېخى يېتىپ كەلمىدى، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.
تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەتتىمۇ يەنىلا قەيسەر تۇرۇپ، كۈرمىڭلىغان جاپا - مۇشەققەت، زەربىلەرگە باش ئەگمەي، قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەش كېرەك.
يۇقۇمغا قارشى كەسكىن جەڭ داۋاملىشىۋاتىدۇ، غەلىبە قىلىشقا قاراپ تاشلانغان ھەربىر قەدەم ئاچقۇچ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەھرىمان ۋۇخەن خەلقى، خۇبېي خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، باتۇرلارچە جان تىكىپ ئېلىشىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارماقتا.
بۇ، بىر مەيدان تاسادىپىي دۇچ كەلگەن دوقۇرۇشما جەڭ.
بۇ ۋىرۇس ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان؛ ۋەزىيەت مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كەسكىن.
«خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك» «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بەردى.
بۇرغا چېلىندى، پۈتۈن مەملىكەت سەپەرۋەرلىككە كەلدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مۇداپىئەلىنىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، يۇقۇمغا توسۇپ زەربە بېرىش خەلق ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن باشلاپ خۇبېيدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
ۋۇخەندىن ئايرىلىش يولىنى ئېتىپ، يۇقۇمنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئولتۇراق رايونلارنى يېپىق باشقۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۈزۈۋېتىش... بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە، خۇبېي ئۆلكىسى، ۋۇخەن شەھىرى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت خىل كىشىلەر»نى تۈرگە ئايرىپ مەركەزلىك باشقۇرۇش تەدبىرىنى كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈردى.
ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش − ۋۇخەن يۇقۇمغا قارشى جەڭدە قەددىنى رۇسلىدى!
يىغىپ داۋالاش نىسبىتى ۋە ساقايتىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش. بۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك ۋەزىپە، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى.
كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى يوشۇرۇن بولۇش، يوشۇرۇن مەزگىلى ئۇزاق بولۇش، يامرىشى تېز بولۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇم شىددەتلىك تارقالغان مەزگىل قىش بىلەن ئەتىياز ئالمىشىدىغان مەزگىلگە توغرا كېلىش، ئادەملەر زىچ توپلىشىش، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، زور بەدەل تۆلەندى.
«ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش»، بۇ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى، شۇنداقلا جەڭ ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر.
بېكىتىلگەن دوختۇرخانا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچتىن 48گە كۆپىيىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بويىچە يېڭى جەڭ مەيدانى تېز ئېچىلدى؛ ئوندىن ئارتۇق فاڭساڭ دوختۇرخانىسى تېز سۈرئەتتە قۇرۇلۇپ، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالايدىغان ھاياتلىق كېمىسىلىك رولىنى ئۈستىگە ئالدى؛ ئېغىر ۋە خەتەرلىك كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ھۇجۇم بىلەن ئېلىش ئەڭ قىيىن بولغان «لوۋشەنگۇەن»، «لازىكوۋ».
ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، بىر قاتار ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر جەڭ مەيدانىدا تەدرىجىي نامايان بولماقتا: ۋۇخەن شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ 120 جىددىي قۇتقۇزۇش مەخسۇس لىنىيەسى كۈنىگە 15 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق چاقىرىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ھازىرقى 3000 ئادەم قېتىم ئەتراپىغا چۈشتى؛ نۇرغۇن بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ كېسەل كۆرۈش مىقدارى تەدرىجىي ئازايدى، مىكرو بىلوگ، ۋۇخەن شەھەر سۆز قالدۇرۇش تاختىسى قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا قوبۇل قىلىش، داۋالاش، ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى؛ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىپ داۋالىغان تۇڭجى دوختۇرخانىسىدا كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %5.85تىن %3.5 ئەتراپىغا تۆۋەنلىدى.
ۋۇخەن «يالغۇز ئارال» ئەمەس، ۋۇخەن يالغۇز جەڭ قىلمايۋاتىدۇ.
ۋۇخەن خۇبېي خەلقىنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ، بارلىق جۇڭگولۇقلار ۋۇخەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ گۈزەل تۇپراقنى قوغداۋاتىدۇ، ئورتاق يۇرت - ماكاننى قوغداۋاتىدۇ.
دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، دولقۇن گاھ پەسىيىپ گاھ كۆتۈرۈلمەكتە؛ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش كېرەك.
«جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە، قۇدرەتلىك ماددىي ۋە تېخنىكا ئاساسىغا، ھەمدە مول ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچى بار، ئىقتىدارى بار ھەم كۆزى يېتىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزى غەلىبە يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى!
(مۇخبىرلار: ليۇ گاڭ، زوۋ ۋېي، لياڭ جيەنچياڭ، لى جىنفېڭ، خۇ جيې، خۇ خاۋ، جاۋ ۋېنجۈن، لى يۈن، جېڭ لۇ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)