شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ جۇڭ خەۋىرى): ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنى ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشلەيدىغان خادىملارنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئىشلەيدىغان خادىملارنى ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەرتىپلىك تەشكىللىدى.
«غۇلجا ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى يېزا-بازارلار ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ سانىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئاساسىي سان ئېنىق، ئەھۋالى ئېنىق بولۇش، دەل جايىدا ياردەم بېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.» دېدى غۇلجا ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۈەن زولىن.
گۇاڭجوۋغا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشلەيدىغان خادىم جاڭ جېڭ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتكە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. بىز ئۈچۈن مۇساپىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئايرودۇرۇمغا بارىدىغان ئاپتوبۇسنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى.»
كۈيتۈن شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلارنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، يولۇچى توشۇش مەخسۇس ئاپتوموبىلى ئارقىلىق تەۋەلىكىدىكى شىنجاڭدىن ئايرىلىپ ئىش ئورنىغا قايتىدىغانلارنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا پويىز، ئايروپىلان بىلەن خىزمەت ئورنى ۋە تۇرۇشلۇق جايغا مېڭىشقا ئورۇنلاشتۇردى. توشۇش ئاپتوموبىللىرى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ يولۇچى ئولتۇرۇش نىسبىتى %50تىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەلىپىنى، يولۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا چىققاندىن كېيىن تارقاق ئولتۇرۇپ، بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. يول يۈرۈش جەريانىدا، شوپۇرلار پۈتۈن مۇساپىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىدى.
«بىز ھەر قايسى كوچا، مەھەللىلەردىن ئىش ئورنىغا قايتىدىغانلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىش ئورنىغا ئوڭۇشلۇق، بىخەتەر قايتىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.» دېدى كۈيتۈن شەھەرلىك قاتناش-ترانسىپورت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شېڭ.
2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە غۇلجا ئايرودۇرۇمى ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان 415 خادىمنى توشۇدى. ئۇلار ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرۇپ بەلگىلەنگەن لىنىيە بويىچە ئايرودۇرۇمغا باردى، ئاندىن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ بولۇپ ئايروپىلانغا چىقتى. ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئايروپىلان ياكى پويىزغا ئالمىشىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ماڭدى.