تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرىنچى سەپتە «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇۋاتقان دوختۇر: ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈش ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىشىم

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى): 2- ئاينىڭ 20- كۈنى، خالمۇرات ئەمرۇللا دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، يىنىكلەپ قالدى، ئۇ دېرىزە سىرتىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىغا قارىغاچ، كۆڭلى يورۇپ قالغاندەك بولدى.

  خالمۇرات (ئوڭدا) خىزمەتدىشى بىلەن ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئانالىز قىلماقتا. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن )

  خالمۇرات شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى نەپەس مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى بولۇپ، بىرىنچى سەپتە «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىۋاتقىلى 30 كۈنگە يېقىن بولدى، بۇ ھەپتىدىن بۇيان، ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشىلىنىشقا باشلىدى، چۈنكى ئۇلار مەسئۇل بولغان بىر مۇنچە ئاغرىقلار ئارقا-ئارقىدىن دوختۇرخانىدىن چىققانىدى.

    «يەنە ئاغرىقلار دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان بولدى!» مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىپ، ئىككى قولىنى پاكىز يۇيۇپ، ئىسمېنا ئالمىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، خالمۇرات بۇ خۇش خەۋەرنى ئايالىغا ئېيتماقچى بولدى.

  بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خالمۇراتنىڭ ئايالى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى، چۈنكى ئۇ بۇنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بالدۇرراق جەم بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

    خالمۇرات دوختۇرخانا قوبۇل قىلىپ داۋالىغان بىر ھامىلىدار ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى تۇراقلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇزاققا قالمايلا ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپ، بىر ئايدىن بۇيان تارتقان جاپالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

  خالمۇرات مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا ئاغرىق ناھايىتى تەشۋىشلىنىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ھامىلىدار بولغىنىغا 22 ھەپتە بولغان بولۇپ، قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، بىر مەھەل ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئويىدىمۇ بولغان، ئاغرىقنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىز پىسخىك مەسلىھەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاغرىققا يېتەكچىلىك قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى ئاكتىپ دىياگنوز قويۇشقا تەشكىللەپ، بۇ بىمارغا مەخسۇس خاس داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ چىقتۇق.»

  خالمۇرات (سولدىن 2-كىشى) دوختۇرلار بىلەن دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسىنى مۇنازىرە قىلماقتا. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  گەرچە ھەر كۈنى ئالدىراشلىقتىن ياخشىراق بىرەر ۋاخ تاماق يېيىش، قېنىپ ئۇخلىۋېلىشقا ۋاقتى يوق بولسىمۇ، بىراق خالمۇرات ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىلا، يۈرىكى ئازراق بولسىمۇ ئازادىلىك تاپىدۇ.

     ھەر كۈنى كەچتە ئىسمېنا ئالماشقاندىن كېيىن، خالمۇرات ئۆيىدىكىلىرى بىلەن تېلېفونلىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىنى چىقىرىدىغان مەلھەم دورا ئىدى.

  «بۇ ئىككى كۈندە دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار بار!» ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى دېيىشكەندە، خالمۇرات ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ، چۈنكى ھازىر ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈشتىنمۇ بەكرەك خۇشال بولىدىغان ئىش يوق.

  خالمۇراتنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ئۆيىگە قايتىپ بالىسى ۋە ئايالىنى باغرىغا باسىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى