شىنجاڭنىڭ 2-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللەر 2-بۆلۈمىنىڭ سېستراسى دۇڭ ياگې ھازىر ۋۇخەن شەھىرىدىكى دۇڭشىخۇ فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا پەرۋىش خىزمىتى قىلىۋاتىدۇ. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۇ ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئاتا-ئانىسىغا بىر پارچە سالام خەت يېزىپ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا راست گەپ قىلمىغانلىقىنى ئەپۇ قىلىشىنى، بىر ھەپتىدە ئۆيگە قايتىش ۋەدىسىنى ئادا قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئاق خالاتلىق جەڭچى. زىممەمدە بۇرچۇم بار. يىڭخۇا گۈلى پورەكلەپ ئېچىلغان ۋۇخەن ئەڭ گۈزەل ئىكەن، كەلگۈسىدە ئاتا-ئانام بىلەن بىللە كۆرگىلى كېلىمەن.
ئاپتورى : چېن جۇڭشۆ
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى