تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

90-يىللاردا تۇغۇلغان قومۇللۇق يىگىت خېنەندە پىدائىي بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى): «ياخشىمۇسىز تاغا، نەگە بارماقچىدىڭىز؟ ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالاھىدە مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئۆزىڭىز ۋە پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن سىرتقا چىقماڭ...» 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەندە، خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ شەھىرى ۋېيبىن رايونى دۇڭگاۋ كەنتى ئېغىزىغا ياسالغان ۋاقىتلىق چېدىردا، پىدائىي ۋاڭ جىخاۋ پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى باشلىدى، شۇ كۈنى ئۇنىڭ پىدائىي بولغىنىغا 10 كۈن بولغانىدى.

  خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ شەھىرى ۋېيبىن رايونى دۇڭگاۋ كەنتى ئېغىزىغا ياسالغان ۋاقىتلىق چېدىردا، قومۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ 90-يىللاردا تۇغۇلغان كادىرى ۋاڭ جىخاۋ پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلماقتا.

  ۋاڭ جىخاۋ قومۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدە ئورگان كادىرى، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ۋاڭ جىخاۋ شىنجاڭ قومۇل شەھىرىدىن يۇرتى خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ شەھىرىگە تۇغقان يوقلاپ باردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ۋاڭ جىخاۋ شىنشياڭ شەھىرىدە ئۆيىدە تۇرۇپ تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ خۇبېي ئۆلكىسى سۈيجوۋ شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، 14 كۈنلۈك تېببىي كۆزىتىش ۋاقتى توشقان ھامان يوليورۇق سوراش خېتى يېزىپ، يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بولغان خۇبېينىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشماقچى بولدى.

    «مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدىم...» دېدى ۋاڭ جىخاۋ.

    كەسىپ ئۇدۇل كەلمىگەنلىكتىن، بىرىنچى سەپكە ياردەمگە بارالمىغان ۋاڭ جىخاۋ ئۆزى تۇرۇۋاتقان خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ شەھىرى تيەنيۈەن مەھەللە كومىتېتىغا كەلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئادەم كەمچىل بولغانلىقتىن، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى ۋاڭ جىخاۋنى پىدائىيلار قاتارىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سېپىگە ئەكىرىپ، كىرىپ-چىققانلارنى تىزىملاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى خىزمىتىگە مەسئۇل قىلدى.

خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ شەھىرى ۋېيبىن رايونى دۇڭگاۋ كەنتى ئېغىزىغا ياسالغان ۋاقىتلىق چېدىردا، قومۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ 90-يىللاردا تۇغۇلغان كادىرى ۋاڭ جىخاۋ پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلماقتا.

  ۋاڭ جىخاۋنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن بىر ئاز ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قارارىنى قوللىدى. «ھەر كۈنى ئۈندىدار ئارقىلىق خىزمەتداشلىرىمنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇم، خەۋەرلەردىن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ ۋۇخەنگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم، شۇڭا مەنمۇ ھەرىكەتكە كېلىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدىم» دېدى ۋاڭ جىخاۋ. (سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى