تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك، بازار تەمىناتى تەرتىپلىك بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ۋېي خەۋىرى): ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاشلىق زاپىسى تولۇق، تەمىنات يېتەرلىك، باھا مۇقىم، بازار تەرتىپلىك بولۇۋاتىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر شىنجاڭدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىبارەت 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ھۆكۈمەت تەييار ئاشلىق، ياغ جىددىي زاپاس ساقلاش مېخانىزمى ئورنىتىلغان.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئاشلىق، ياغ بازارلىرىنىڭ قىسقا مەزگىللىك تېز سېتىلىش ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ئاشلىق، ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پائال ماسلاشتۇرغان ۋە قوللىغان. 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 115 ئاشلىق، ياغ كارخانىسى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىستاتىستىكا قىلىپ كۆزىتىپ تەكشۈرۈش  دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، كۈنىگە 100 توننىدىن ئارتۇق ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە 103 كارخانىنىڭ 85ى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

شىنجاڭدىكى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئۇن ئىشلەپچىقارماقتا.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇن بازىرى تەمىناتى يېتەرلىك، ئىسكىلات قالدۇقى تولۇق بولماقتا.

  «بىز 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق، ھازىر كۈنىگە 100 توننا ئۇن، 10 توننا گۈرۈچ، بىر توننا ئۆسۈملۈك يېغى ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز. ئۇن، گۈرۈچ ۋە ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆزگەرمىدى. يېقىندا بىز بانكىنىڭ 20 مىليون يۈەن قوللاش ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشىپ، يەنە 3000 توننا بۇغداي سېتىۋالدۇق، كارخانىزدا يانجىلمىغان ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك» دېدى شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ چۈنيۇڭ.

    بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئۇن ئاساسلىقى ئاقسۇ ۋىلايىتىنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىركەت يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئۆلچىگەن، سېخقا كىرىپ-چىققاندا دېزىنفېكسىيە قىلغان.

  شىنجاڭ تارباغاتاي چۇلۈ ئاشلىق-ياغ گۇرۇھى ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئۇن ئاساسلىقى تارباغاتاي ۋىلايىتىدىن باشقا، يەنە كۈيتۈن شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرىنى تەمىنلەيدۇ. «بىز 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق، 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئىزچىل پىلانغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقاردۇق، ھازىر بازار تەمىناتى ئىنتايىن يېتەرلىك، 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، بىز بازاردىكى سېتىلىش سۈرئىتىگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز، ھازىر شىركىتىمىز كۈنىگە 400 توننا بۇغداينى پىششىقلاپ ئىشلەۋاتىدۇ، 270 توننا ئۇن ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، بۇغداينىڭ ئىسكىلات قالدۇقى يېتەرلىك، ئۇننىڭ باھاسى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشاش» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋەن جىنگو.

  توشۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى تىرانسپورت تارماقلىرىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ تىرانسپورتىغا «يېشىل يول» ئېچىپ، ئوبوروتنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ مەبلەغ مەسىلىسىگە قارىتا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ، بانكا بىلەن كارخانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ «يېشىل يول»ىنى ئاچتى، ھازىر جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى شىنجاڭدىكى ئاشلىق، ياغ كاپالىتى كارخانىلىرىغا 436 مىليون يۈەن قەرز پۇلى تارقاتقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ئاشلىق، ياغ باھاسىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاغاندىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش تارماقلىرى تەخمىنەن 2668 قېتىم بازارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان، جايلاردىكى نۇقتىلىق ئاشلىق، ياغ كارخانىلىرى، چوڭ تىپتىكى ئاشلىق، ياغ توپ سېتىش بازىرى، تاللا بازىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ تەييار ئاشلىق، ياغ زاپىسى 180 مىڭ 400 توننىغا يەتكەن، تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، ئاشلىق، ياغ باھاسى ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن، زور دەرىجىدە ئۆرلەش-چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ دېلولار يۈز بەرمىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى