تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ئاينۇر خەۋىرى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېقىندا تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، خىزمەتلەرنى باھالاش، ئىش ئورنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ۋاقىتلىق ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش قاتارلىق تەرەپلەردىن، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىغا ئومۇميۈزلۈك «مايىللاشتى» ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون چىقارغان ئالاقىدار سىياسەتلەرگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى تېببىي خادىملار ھەمدە خىزمەتتىكى تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان كەسپىي ئورۇن خادىملىرىغا نىسبەتەن، تۇرۇشلۇق ئىدارە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئەمەلىي ئىپادىسىنى تۈرلۈك باھالاش ۋە داۋاملىق تەكلىپ قىلىش، رىقابەتلەشتۈرۈپ تەكلىپ قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇھىم پايدىلىنىش ئاساسى قىلسا بولىدىكەن، ھەمدە ئىش ئورنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندە ئىش ئورنى قۇرۇلمىسى نىسبىتىدىن ئاشۇرۇپ ئالدىن تەكلىپ قىلسا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇۋاتقان كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە ئالاقىدار كوللېكتىپلارنى «كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنى مۇكاپاتلاش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن مۇكاپاتلىسا بولىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئەڭ يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە قاتناشقان تېببىي خادىملار ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرىگە، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ۋاقىتلىق خىزمەت تولۇقلىمىسى تارقىتىدىغان بولۇپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمغا قارشى خادىملارنىڭ ھەر بىرىگە كۈنىگە 300 يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلىدىكەن، باشقا يۇقۇمغا قارشى تۇرۇۋاتقان خادىملارنىڭ ھەر بىرىگە كۈنىگە 200 يۈەندىن ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

    شىنجاڭ مالىيە تارماقلىرى يەنە مەخسۇس خىزمەت خىراجىتى ئاجرىتىپ، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىش، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملار ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق خىزمەت تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ خاتىرجەم ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى