تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يوق، يېڭىدىن بىر ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 2- ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالى يوق، يېڭىدىن بىر ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇ سانجى ئوبلاستىدىكى ئاغرىق.

  2- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن جەمئىي 76نى دوكلات قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 52ى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە 24ى بار ئىكەن. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 23ى، ئىلى ئوبلاستىدا 18ى، تۇرپان شەھىرىدە ئۈچى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىرى، سانجى ئوبلاستىدا تۆتى، بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئۈچى؛ بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسىدە تۆتى، بىڭتۇەن 9-شىسىدە تۆتى، بىڭتۇەن 6-شىسىدە ئىككىسى، بىڭتۇەن 12-شىسىدە ئۈچى، بىڭتۇەن 4-شىسىدە 10ى بار ئىكەن. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالىدىن جەمئىي 25ى، ئۆلۈپ كەتكەن ئاغرىق مىسالىدىن ئىككىسى بار ئىكەن. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالىنىڭ 10ى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن، بىرى تۇرپان شەھىرىدىن، ئالتىسى ئىلى ئوبلاستىدىن، بىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن، ئۈچى سانجى ئوبلاستىدىن، ئىككىسى بايىنغولىن ئوبلاستىدىن، بىرى بىڭتۇەن 7-شىسىدىن، بىرى بىڭتۇەن 8-شىسىدىن ئىكەن.

  ھازىر دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلار 49 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېغىر ئاغرىق مىسالى توققۇز، خەتەرلىك ئاغرىق مىسالى ئىككى. نۆۋەتتە، 4744 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى