تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يەنە ئىككى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 24كە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە ئىككى ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئىككىلىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاغرىق مىسالى.

بۇ ئىككى ئاغرىق دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلدى، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملار كۆڭۈل قويۇپ دىياگنوز قويۇپ داۋالىدى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىرىش ئەڭ يېڭى ئۆلچىمىگە يەتتى، دەپ قارىلىپ، 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقتى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 24كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ