تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا زەربە بېرىشنىڭ شىنجاڭ پەيتى: ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى، پۈتۈن شىنجاڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە بىر تاختا شاھمات بولدى

    يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشماقتا.

    پۈتۈن شىنجاڭ «بىر تاختا شاھمات»، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات». يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما نۆۋەتچىلىك قىلىش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش... قاتارلىقلاردا چەتتە قاراپ تۇرمىدى، ھەر قايسى سەپلەردە جەڭگىۋار قوشۇن قۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا بىر نىيەتتە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما مۇداپىئەلىنىش، ئامما تۈزەشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى.

    «يۇقۇمغا زەربە بېرىشتە ھەر بىر ئادەمنىڭ جەڭگە ئاتلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ»

    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

    «ئاھالىلەر دىققەت: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك ئۆزئارا يوقلاشماڭلار، بىرەر ئىش بىلەن سىرتقا چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقىۋېلىڭلار، پات-پات قولۇڭلارنى يۇيۇپ، كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇڭلار...» چاغاننىڭ 2-كۈنى ئەتىگەندە، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى چېڭبېي كوچا باشقارمىسىدىكى ھەر قايسى مەھەللىلەر چوڭ لابا، كۆچمە ياڭراتقۇ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بىلىملىرىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە ئومۇملاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشۋىقاتىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە يەتكۈزدى.

    بۇھەجەر مىجىت يەكەن ناھىيەسى چېڭبېي كوچا باشقارمىسى كاڭنىڭ مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە مەھەللىدە ئۇنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. كاڭنىڭ مەھەللىسىدىكى تۇرالغۇنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن كۆپرەكى ئوچۇق شەكىلدىكى ئولتۇراق رايونى بولۇپ، ئاھالىلەر بىر قەدەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى سەل چوڭ ئىدى . يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بۇھەجەر مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئاساسىي قاتلام دوختۇرلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىللە، مەھەللىدە دېزىنفېكسىيە قىلىش، تەكشۈرۈش، تىزىملاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر ئاھالىگىچە تەشۋىق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

يەكەن ناھىيەسى چېڭبېي كوچا باشقارمىسىدىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ، قىزىپ قالغانلارنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. كەن جيۇلىڭ فوتوسى

    «يۇقۇمغا زەربە بېرىشتە ھەر بىر ئادەمنىڭ جەڭگە ئاتلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ» دېدى يەكەن ناھىيەسى چېڭبېي كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پاڭ زىجيەن.

    يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 2800دىن ئارتۇق مەھەللىدىكى 76 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك مەھەللە كادىرى، 9000دىن ئارتۇق كەنتتىكى 64 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كەنت كادىرى ۋە 12 مىڭدىن ئارتۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى 78 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ۋە 1-شۇجى باشتىن-ئاخىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى، ئۇلار ئارىسىدا ئەر-خوتۇن، ئاتا-بالا، ئاچا-سىڭىل...لار بار بولۇپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى باشلاپ قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرماقتا.

    «بىز جەڭگە ئاتلانغاندا ئاتا-بالا ئەسكەر، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغاندا قېرىنداش!» ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيە ئارال بازارلىق شىپاخانىنىڭ باشلىقى، 50 نەچچە ياشلىق لى بىڭفا مەھەللە ۋە شىپاخانىدا خىزمەت قىلىدىغان ئىككى ئوغلىنى باشلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى. لى بىڭفا ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشكە ئاممىنىڭ تولۇق قاتنىشىشى ئۈچۈن، كەنتمۇكەنت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنى ئۆيدە تۇرۇۋاتقاندا توپلىشىشنى ئازايتىشقا نەسىھەت قىلدى.

    ئاممىنىڭ گۇمانى ۋە چۈشەنمەسلىكىگە قارىتا، لى بىڭفا سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلدى، گەرچە بىر نەچچە كۈندىلا جىق سۆزلەپ، ئاز سۇ ئىچكەچكە گېلى پۈتۈپ كەتكەن، دېزىنفېكسىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت پەلەي كىيىپ، ئىككى قولى قاپىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يوشۇرۇن خەۋپنى بىخ ھالىتىدىلا يوقاتقاندىلا، ئاندىن ئاممىغا بىخەتەر بوشلۇق يارىتىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

    «پارتىيە ئەزاسى ۋە دوختۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز، ئاتا-بالا ئۈچىمىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىشىمىز بىزگە نىسبەتەن قىممەتلىك ھايات كەچۈرمىشى ھېسابلىنىدۇ» دېدى لى بىڭفا. ئۇدا يېرىم ئايدىن بۇيان، لى بىڭفا ھەر كۈنى پەقەت ئۈچ سائەتتىن كۆپرەكلا ئۇخلىغاچقا، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى.

    «رەھمەت ئېيتىۋەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم»

    «سىلەرگە بولكا، سۈت ئېلىپ كەلدىم، ئەتىگەندە چوقۇم ناشتا قىلىڭلار! سىرتتىكى ئەخلەتلەرنىمۇ ئېلىپ كەتتىم، بىرەر ئىش بولسا ماڭا ئۈندىداردا گەپ قىلىڭلار ھە!» 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەتىگەندە، ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغان تىنائاي ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ماسكىسىنى تاقاپ ئىشىكنى ئاچتى، ئىشىك ئالدىدا ئادەم يوق، پەقەت لىق ئىككى خالتا يېمەكلىك تۇراتتى. ئۇ يان تېلېفونىدىن مەھەللە كادىرى جاڭ گۈييۈن ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى كۆردى، ھەربىر سۆزدە ئەكس ئەتكەن ئىللىقلىق تىنائاي ئاچا-سىڭىلنىڭ بۇ كۈنلەردىكى ئەندىشىسى ۋە خاتىرجەمسىزلىكىنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگەتتى.

مەھەللە كادىرلىرى ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلارغا يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بەردى. تاڭ جۈنلىن فوتوسى

    تىنائاي ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقاندىن بۇيان، مەھەللە كادىرى جاڭ گۈييۈننىڭ ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇقىغا ئېرىشتى. ئۇ ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ئۈندىدار نومۇرىنى قوشۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ تۇردى.

    ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن ھەر كۈنى ئۈندىداردا جاڭ گۈييۈنگە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئېيتىپ بەردى، جاڭ گۈييۈنمۇ دائىم ئۇلار بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىپ تۇردى. «تەبىئىي گاز كارتىڭىزغا پۇل قاچىلاپ ئىشىككە ئېسىپ قويدۇم، سېتىۋالىدىغان نەرسىلەر بولسا ماڭا تىزىملىكىنى ئەۋەتىپ بېرىڭ. ماڭا رەھمەت ئېيتىۋېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، بىز بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى!» ئاددىي سۆزلەر ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەننىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

    ۋۇخەندە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق قىرغىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تىنائاي بۇ ئون نەچچە كۈندىن بۇيان كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى تۇراقسىز بولۇپ، تەشۋىشلەنگەنلىكى، ئەنسىرىگەنلىكى، يەنە تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. «گەرچە ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ئىشىكنى ئاچقان شۇ دەقىقىدە، مەن ئىللىقلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم».

    چاغاندىن بۇيان، مەھەللە كادىرلىرى كېچە-كۈندۈز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غا يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ «تايانچى» ھەم «سىردىشى»غا ئايلاندى.

    ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەزى مەھەللىلەردە يەنە «ماددىي ئەشيا كاپالىتى ئەترىتى»، «پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، ئاددىي ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق، ھەم ھەر مىللەت ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈلدى، ھەم ئاساسىي قاتلامدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈلدى.

    شىنجاڭ فۇكاڭ شەھىرى فۇشىن كوچىسى فۇشىنيۈەن مەھەللىسىدە «مەھەللە ئاياللار قوشۇنى» بار، 28 ياشلىق مەھەللە كادىرى ۋاڭ مېڭچى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. قىسىمدىن چېكىنگەن ئايال ھەربىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ يىل بېشىدا مەھەللىگە ئەمدىلا خىزمەتكە چۈشۈشىگە بۇ قېتىمقى ئىس-تۈتەكسىز جەڭگە ئۇدۇل كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى، «ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش»، «كۆكتات يەتكۈزۈش»، «ئەخلەت تازىلاش»، «مۈلۈك باشقۇرغۇچى»، «چوڭ كاناي» بولۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئىنچىكە قانات يايدۇردى.

خىزمەت قىلىۋاتقان «مەھەللە ئاياللار قوشۇنى». سۈن گوفۇ فوتوسى

    «ياخشىمۇسىز، مەن فۇشىنيۈەن مەھەللىسىنىڭ كادىرى، يېقىندا يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى بىلەمسىز؟ ئائىلىڭىزدىكىلەر ئارىسىدا قىزىش، يۆتىلىش، زۇكام ياكى ئىچى سۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدىمۇ ؟ ئۇنداقتا ياخشى، ئامال بار سىرتقا چىقماڭ، كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇڭ، بىرەر ئەھۋال بولسا ھەر ۋاقىت بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.» يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋاڭ مېڭچى ۋە «مەھەللە ئاياللار قوشۇنى»دىكىلەرنىڭ قانچە قېتىم بۇنداق تېلېفون ئۇرغىنىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. قايتا-قايتا، نەچچە قېتىملاپ سەۋرچانلىق بىلەن سوراش، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىش تەۋەلىكتىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىدى.

    «بىز تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلساق، يەنە نۇرغۇن كىشى بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىز تارتىۋاتقان جاپانىڭ ھەممىسى تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ ئامان-ئېسەن بولۇشى ئۈچۈن!» دېدى ۋاڭ مېڭچى.

«مەھەللە ئاياللار قوشۇنى»دىكىلەر ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىن مەھەللىگە قايتىپ كەلگەندە، ئاللىقاچان كەچ بولۇپ كەتكەنىدى. سۈن گوفۇ فوتوسى

    «بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساقلا، ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغ يوق»

    «پولو ئەكەلدىم، كۆپچىلىك ئىسسىقىدا يەۋېلىڭلار.» 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرى باۋلاڭ مەھەللىسى ساغاننۇر كەنتىدىكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش نۇقتىسىدا، مەمەت ئەلى ئىسسىق پولونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

    31 ياشلىق مەمەت ئەلى باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ناھىيە بازىرىدا «ئانار گۈلى» ئاشخانىسى ئاچقان، سودىسى ئىزچىل ياخشى ئىدى. يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشخانىنى تاقاپ، ئۆيىدە «پىدائىي تەشۋىقاتچى» بولۇپ، ئۈندىدار توپى، دوستلار چەمبىرىكىدە يۇقۇم مۇداپىئە بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.

مەمەت ئەلى پولونى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە ئاپىرىپ بەردى. نيەن لېي فوتوسى

    «مەن ئۇلارغا بىر ۋاخ ئىسسىق پولو ئېتىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ياردەم بېرىشنى ئويلىدىم. يۇقۇم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، بىرىنچى سەپتىكى پارتىيەلىك كادىرلار كۆپچىلىكنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىنتايىن جاپا چەكتى، مەن بۇنى كۆرۈپ كۈچۈم يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى ئۈمىد قىلدىم» دېدى مەمەت ئەلى.

    مەمەت ئەلىگە ئوخشاش قىزغىن ئامما تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا سان-ساناقسىز بولۇپ، كۆپچىلىك بەس-بەستە ئومۇمىي خەلق «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشماقتا.

    ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى شىگۇ يېزىسى خۇاشۇلىن مەھەللىسىنىڭ كوچا باشلىقى لى چاۋجۈن شۇ جايدا نامى چىققان «قىزغىن ئادەم». ئۇ مەھەللىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرىنىڭ قىس ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چېچىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە دەل ۋاقتىدا مەھەللىگە بېرىپ، مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، دېزىنفېكسىيە ئۈسكۈنىسىنى يۈدۈپ، كەچكىچە ئالدىراش ئۆتتى. «بىرگە بىرنى قوشساق ئىككىدىن چوڭ بولىدۇ، بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساقلا، ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغ يوق!» دېدى لى چاۋجۈن.

    ھەممە بىر نىيەتتە بولساقلا، ئاشقىلى بولمايدىغان داۋان يوق؛ قول تۇتۇشساقلا، ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل يوق. يۇقۇم ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشتى. يۇقۇم ھامان ئاخىرلىشىدۇ، باھار كېلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا گۈللەر ئېچىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى