تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەككىز يىلدا يىغىلغان پارچە پۇل: ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا 20 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر دەي شياۋيې، سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن): «ئاتا-ئانىمىز بۇ پۇلنى ساقلاپ قويۇپ، جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىڭلار، دېگەنىدى، بىز بۇ پۇلنى ئىئانە قىلدۇق، چۈنكى ھازىر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەڭ جىددىي پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ.» 21 ياشلىق لالە ئەخمەت بىلەن 19 ياشلىق لەيلى ئەخمەت ئىككىسى ئاچا-سىڭىل بولۇپ، سەككىز يىل ئىلگىرى ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا بىر پۇل ئامانەت كارتىسى بېجىرىپ بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كارتا ئىككىيلەننىڭ پارچە پۇللىرىنى ساقلايدىغان «كىچىك خەزىنە»سىگە ئايلانغان، سەككىز يىلدا كارتىدىكى پۇل 20 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن بۇ پۇلنى ۋۇخەنگە ئىئانە قىلىپ، ۋۇخەنگە مەدەت بېرىشنى قارار قىلغان.

لالە ئەخمەت(سولدا) بىلەن لەيلى ئەخمەت(ئوڭدا)

  2-ئاينىڭ 20-كۈنى، پۇل ئىئانە قىلغانغا ئىككى ھەپتىگە يېقىن بولغانىدى، ئەمما ئۈچ كۈن ئىلگىرى شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى يېقىنقى مەزگىلدىكى پۇل ئىئانە قىلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندىلا، ئائىلىسىدىكىلەر لالە ۋە لەيلى ئاچا-سىڭىلنىڭ پۇل ئىئانە قىلغانلىقىنى ئاندىن بىلدى.

  بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن لالە شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، 19 ياشلىق لەيلىمۇ بۇلتۇر خۇبېي داشۆسىگە ئۆتكەنىدى. بۇ، ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەننىڭ سەككىز يىلدا ئامانەت قويغان پارچە پۇللىرىدىن يىغىلغان «كىچىك خەزىنە»سىدىكى پۇل ئىدى.

  لالە تېلېفوندا مۇنداق دېدى: ئاچا-سىڭىل ئىككىمىز سەككىز يىلدىن بۇيان يىغقان بايراملىق پۇللىرىمىزنى، ھەر ئايدا ئاتا-ئانام خەجلەشكە بەرگەندىن ئاشقان پارچە پۇللار، شۇنداقلا داشۆدە ئوقۇۋېتىپ ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىمىزنى بىر كارتىغا يىغىپ كەلگەنىدۇق، ئاتا-ئانىمىزمۇ مۇشۇنداق قىلىشىمىزنى قوللايتتى، ئۇلار يەنە بىزگە «مۇشۇنداق ئامانەت قويۇپ يىغىپ ماڭساڭلار، جىددىي ئەھۋالدا ئەسقاتىدۇ» دەيتتى. ئاچا-سىڭىل ئىككىمىزنىڭ بۇ پۇللارنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا نۇرغۇن ئويىمىز بار ئىدى، مەسىلەن: ساياھەت فوندى تەسىس قىلىش، ئاسپرانتلىق ئىمتىھانى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇش دېگەندەك... ئەمما يەنىلا خەجلەشكە ئالدىراپ كەتمىگەنىدۇق، چۈنكى بىز بۇ پۇلنى چوقۇم قىممىتى بار، ئەھمىيەتلىك ئىشقا ئىشلىتىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايتتۇق.

  «1-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ 142 داۋالاش خادىمىدىن تۇنجى تۈركۈمدە داۋالاش ئەترىتى تەشكىللىنىپ، ۋۇخەنگە ياردەم بەردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ماڭا دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ بار. ھەر قېتىم ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمنىڭ ئۇ يەردىكى دوختۇرخانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان سۈرەتلىرىنى كۆرسەم، ناھايىتى زور ئىلھام ئالىمەن» دېدى لالە.

  ئالدىنقى سەپكە بارالمىساق، باشقا يەنە نېمە ئىش قىلالايمىز؟ لالە كۆڭلىدىكىنى سىڭلىسىغا ئېيتتى، لەيلىنىڭ بىر ئېغىز گېپى ئۇنى سەگىتتى: «بىز كىچىك خەزىنىدىكى پۇلىمىزنى زادىلا خەجلەپ باقمىدۇق، گەرچە پۇل كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنى قىممىتى بار، ئەھمىيەتلىك ئىشقا ئىشلەتمەكچى ئىدۇققۇ، مانا ھازىر دەل پەيتى كەلدى».

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۇلار توردا ھېسابات يۆتكەش ئارقىلىق، 20 مىڭ يۈەننى ۋۇخەنگە ئىئانە قىلدى.

  2-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى يېقىندا ئىئانە قىلىنغان پۇل تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شۇ چاغدىلا ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتتى. دادىسى ئەخمەت ئەمەت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ تېلېفوندا مۇنداق دېدى: قىزلىرىمنىڭ پارچە پۇللارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن، ئەينى چاغدا ئۇلارغا بۇ ئامانەت كارتىسىنى بېجىرىپ بەرگەنىدىم، ھازىر ئۇلار بۇ پۇلنى ئېھتىياجلىق جايغا ئىئانە قىپتۇ، ئەر-خوتۇن ئىككىمىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خوشال بولدۇق، بالىلىرىمىز چوڭ بوپتۇ، ئىش ئۇقىدىغان بوپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى