تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى: 16 تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرىمىز

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى بازار تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئىدارە 16 تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىغا ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدىكەن. ئىقتىدارى بار، كىنىشكىگە ئېرىشكەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ، مۇداپىئە بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىدىكەن؛ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى كارخانىلىرىنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تېخنىكا ئۆلچىمى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ۋە بېجىرىشنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئورگانلىرىنىڭ سالاھىيەت تەستىقلىتىشنى بېجىرىشتە، «كەم بولسىمۇ قوبۇل قىلىپ بېجىرىش، ئۇقتۇرۇش قىلىپ ۋەدە بېرىش، يىراق مۇساپىلىك باھالاش، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ماتېرىيال تەھقىقلىشى» قاتارلىق ئالاھىدە شەكىللەرنى قوللىنىپ، باھالاش، تەستىقلاشنى تېزلىتىدىكەن. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار داۋالاش بۇيۇملىرى ۋە ئاممىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان نۇقتىلىق كارخانىلارغا ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى چۈشىنىش ۋە ئالاقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ئىناۋەت يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىناۋەت قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىگە تۈرتكە بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردا بانكا قەرزى ئېلىشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە مەمۇرىي تەستىق تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەمۇرىي تەستىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى بولغان بازار تىجارەت مۇھىتى يارىتىدىكەن. مەمۇرىي تەستىق مۇلازىمىتىدە «مەسىلە بولسا جاۋاب بېرىش تۈزۈمى»، «بىر قېتىمدا ئۇقتۇرۇش تۈزۈمى»، «چەكلىك مۇددەتتە بىجىرىۋېتىش تۈزۈمى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «توردا بېجىرىش»، «ئۇچراشماسلىق»نى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن. تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنى «توردا پۈتۈن مۇساپىلىك بېجىرىش، ئالدىن كېلىشىپ تېز سۈرئەتتە بېجىرىش»تەك تىزىملاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ھەم قەغەزچە تىجارەت كىنىشكىسىنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىدىكەن؛ ئىجازىتى توشقان ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك بويىچە ۋەدە بېرىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى ئىجازەت شەرتى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدىكەن.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە تور قاتارلىق سىن ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق نۇقتىلىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدىكەن. يېمەك-ئىچمەك كەسىپىي جەمئىيەتلىرىنىڭ تاماق زاكاز قىلىش سۇپىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، توردا يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى ئېچىشىغا، توردا تەقسىملەپ ئەۋەتىشنى كېڭەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكا ئۆلچىمى مۇلازىمىتى، ئۆلچەش تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى توغرىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە ياردەم بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ماسكا، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنىڭ باھاسىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش، ساختا، ناچار مەھسۇلات ياساش، سېتىش قاتارلىق  قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە بازار تەرتىپىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى