تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى «سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تور دەرسخانىسى»دا ئوقۇش باشلىدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ جىڭ خەۋىرى، فوتوسى) شىنجاڭ مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ «سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تور دەرسخانىسى»دا 2- ئاينىڭ 17- كۈنى دەرس باشلانغاندىن بۇيان، بۇ مەركەزدىكى بارلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوقۇتقۇچىلىرى بىرلىكتە تورغا چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 57 نەپەر مېيىپ بالىلار ئائىلىلىرىگە قارىتا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە بىرمۇبىر يېتەكچىلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلارنى «سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توردا كىتاب ئوقۇش» پائالىيىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئالاھىدە تەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئالمىرە ئابلىز «سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تور دەرسخانىسى»دا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىنجاڭ مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت يېتەكچىلىك مەركىزىدىكى بارلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوقۇتقۇچىلىرى پائال ھەرىكەتلىنىپ، مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك مەشىقلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېلېفون بېرىش، «سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تور دەرسخانىسى» ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، توردا مەسلىھەت بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، يىراق مۇساپىلىك سىنلىق ئوقۇتۇش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش، پىسخىكا جەھەتتىن ياردىمى بولىدىغان يۈرۈشلۈك ئېلېكتىرونلۇق گېزىت ئىشلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مېيىپ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلارغا ئائىلىدە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ