تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇلار مېھىر-شەپقەت كۆكتاتلىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىگە ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزدى

  چاغاننىڭ ئالدىدا سېتىۋالغان چاغانلىق مال ئاللىبۇرۇن تۈگىدى

  سىرتقا چىقىپ كۆكتات، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشمۇ قولايسىز

مۇشۇنداق ئەھۋالدا، شۇنى كۆرۈپ تۇردۇق

  بىر قىسىم مېھرىبان زاتلار ھەمدە مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرى ۋە سودا ئۇيۇشمىلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار

  مېھىر-شەپقەت كۆكتاتلىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىگە ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا ھەقسىز يەتكۈزۈپ

  ئۇلارنىڭ بەزى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىپ

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى ئىللىق مەنزىرىگە ئايلاندى

  مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرى پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە، ئاھالىلەرگە ھەقسىز كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى

  مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرى پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە، ئاھالىلەرگە ھەقسىز كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇاڭ ۋەنلى)

     «كۆكتات كەلدى، كۆكتات كەلدى!» 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن، لىققىدە بەسەي قاچىلانغان توشۇش ئاپتوموبىلى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى خۇايۈەن شىڭدى شىنچېڭ ئولتۇراق رايونىغا كىرىپ توختىدى، ئەسلى مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرى پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە، ئاھالىلەرگە بەش توننا ھەقسىز بەسەي ئېلىپ كەلگەنىدى.

  توشۇش ئاپتوموبىلى توختىغاندىن كېيىن، 30دىن ئارتۇق پىدائىي بەسەينى تېزلىكتە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈردى ھەم ئايرىپ قاچىلىدى، ئاندىن مەھەللە كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە، ئىش تەقسىماتى بويىچە بەسەيلەرنى ھەر بىر بىنانىڭ ئالدىغىچە ئەكەلدى.

  مېھىر-شەپقەت كارخانىسى __كورلا لېجيا مېھمانخانىسىنىڭ مەسئۇلى لى باۋجيا مۇنداق دېدى: ئومۇمىي خەلق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان پەيتتە، بىزمۇ جەمئىيەتكە ئازراق تۆھپە قوشۇشنى ئويلاپ، تەشەببۇسكار ھالدا پىدائىيلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەھەللىدىكى ھەر بىر ئاھالىگە بىر تۈپتىن بەسەي ئىئانە قىلىشنى ئويلىدۇق.

  كۆكتاتچى دېھقان «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە لوبو ئاپىرىپ بەردى

  كۆكتاتچى دېھقان «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە لوبو ئاپىرىپ بەردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ خۇييۇڭ)

  2-ئاينىڭ 15-كۈنى، سائەت 10:30دا، باش باھاردىكى قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن ئىدى، بايىنغولىن ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى چۇمپاق بازىرى ئاقيار كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقان خې دۇڭلياڭ ئۆزى تېرىغان بىر توننا لوبونى تەييارلاپ قويغان ئىدى.

  شۇ كۈنى، خې دۇڭلياڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىگە بىر توننا لوبۇ ئاپىرىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى.

    «يەرلىك كۆكتاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈم تېرىغان لوبونى <يۇقۇم>غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە بىر كىشلىك كۈچۈمنى چىقىراي، دەپ ئويلىدىم، ئۆزۈم تېرىغان 14 مو يەردىكى لوبونىڭ سېتىش يولىنى ھۆكۈمەت ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەرگەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىگە بۇ لوبودىن ئاپىرىپ بېرىپ، ئۆزۈمنىڭ ئازراق تۆھپەمنى قوشاي دېدىم» دېدى خې دۇڭلياڭ.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپى چامغۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئاپىرىپ بەردى

  جاۋ شىبياۋ ئىككى توننا ئېغىرلىقتىكى بەسەي، لوبو، چامغۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنى ھەقسىز ئاپىرىپ بەردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياۋ شيا، ئەن لىيۈ)

    «سىزگە كۆپ رەھمەت، بىزگە شۇنچە كۆپ يېڭى كۆكتاتلارنى ئەكەپسىز، دوختۇرخانىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن سىزگە رەھمەت» دېدى باغراش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بىر مەسئۇلى جياۋ شىبياۋغا ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىپ.

  2-ئاينىڭ 3-كۈنى، باغراش ناھىيەسى تابانجۆكىن يېزىسى خارنگىن كەنتى «بېنپاۋ بەيسەي» تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاۋ شىبياۋ ناھىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خادىملارغا ۋە باغراش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا بەسەي، لوبو، چامغۇر قاتارلىقلاردىن ئىككى توننا كۆكتاتنى ھەقسىز ئاپىرىپ بەردى.

  جاۋ شىبياۋ ۋە «بېنپاۋ بەيسەي» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆكتات ئىئانە قىلىش مېھىر-شەپقەت ھەرىكىتى ناھايىتى تېزلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، كۆپچىلىك بەس-بەستە مېھىر-شەپقەت كۈچ ئۇلاش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى ___ خارنگىن كەنتىنىڭ ئاھالىسى گاۋ شىنيەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىغا 800 يۈەن قىممىتىدىكى كالا سۈتى، تەييار چۆپ قاتارلىق ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلدى، شۇاڭخۇخۇ ئۆردەك باقمىچىلىق دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى چېن پەنپەن كەنت شىپاخانىسى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىغا ئۆزلىرىنىڭ بۆدۈنە توخۇمى مەھسۇلاتىدىن 200 كىلوگرام يەتكۈزۈپ بەردى...

    100 توننىدىن ئارتۇق مېھىر-شەپقەت كۆكتاتلىرى «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇۋاتقان خادىملارغا ئىللىقلىق بېغىشلىدى

  100 توننىدىن ئارتۇق مېھىر-شەپقەت كۆكتاتلىرى «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇۋاتقان خادىملارغا ئىللىقلىق بېغىشلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 17:00دە، 2400 كىلوگرامدىن ئارتۇق يېڭى كۆكتات قاچىلانغان تۆت يۈك ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىغا كىردى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى شۆبە ئەترىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) قاتارلىق ئىدارىلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ۋە ئۈرۈمچى شەنيۈەن ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتى «مېھىر-شەپقەت كۆكتاتلىرى ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش» ھەرىكىتىنى باشلىدى، 3 مىليون 500 نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى پارنىكلاردىن جەمئىي 120 توننىدىن ئارتۇق كۆكتات سېتىۋېلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنى ھەر كۈنى يېڭى كۆكتات بىلەن تەمىنلىدى.

  30 توننا بەسەينى ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈش

  30 توننا بەسەي ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈلمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ خۇييۇڭ)

  2-ئاينىڭ 5-كۈنى، «مېھىر-شەپقەت تاللا بازارلىرى ئىئانە قىلغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى مەھەللىگە كىردى» دېگەن خەت چاپلانغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئىئانە قىلىنغان بەسەينى ئېلىپ، بۈگۈر ناھىيە چېڭجېن مەھەللىسى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنچېڭ مەھەللسىگە يېتىپ كەلدى. بۇ مېھىر-مۇھەببەت بەسەيلىرىنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى ھەر بىر ئائىلىگە يەتكۈزۈپ بەردى، بۇ قويۇق مېھرى-مۇھەببەت ئاھالىلەرنىڭ چىن كۆڭلىدىن ماختىشىغا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر بۇ 30 توننا بەسەي ئارقا-ئارقىدىن بۈگۈر ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى مەھەللە كومىتېتلىرى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن، مەھەللە كومىتېتى بۇنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەڭشەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.

  15 توننا كۆكتات يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ قوشتى

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شىسى باشئەگىم شەھىرىدىكى مېھرىبان زات ليۇ ۋەنلۇڭ 15 توننا كۆكتات سېتىۋېلىپ، باشئەگىم شەھىرىگە ئىئانە قىلدى.

  «2015-يىلى مەن باشئەگىم شەھىرىگە كېلىپ ئېلان شىركىتى قۇرغاندا، ھەممىنى نۆلدىن باشلىغانىدىم، مەن بۇ يەردە نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەردىن بەھرىلەندىم، بۇ يەرگە بولغان مېھرىم ناھايىتى چوڭقۇر، بۇ ئىئانە قىلغان كۆكتاتلار ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم» دېدى ليۇ ۋەنلۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى