تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 38 دورىخانا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋىرى، فوتوسى): ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرى دىققەت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، مەھەللە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ دورا سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەر بويىچە 38 نۇقتىلىق بېكىتىلگەن دورىخانىنى پەيدىنپەي ئېچىش تەستىقلىنىپ، مەھەللە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىنى دورا بىلەن تەمىنلىدى، ئېھتىياجلىقلار بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

  2- ئاينىڭ 21- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىغا دورا ساتىدىغان توققۇز نۇقتىلىق دۇكاننىڭ ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلغان. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملىشىپ، ئۇزاق مۇددەت ئوخشاش دورا ئىشلەتسە، رېتسىپنى ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز ئىكەن، سىرتتىن سېتىۋالىدىغان دورا رېتسىپى يوق ئەھۋالدا، بۇ توققۇز دورا دۇكىنى دورىخانىدا ساقلاپ قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ ئالدىنقى بىر قېتىملىق سىرتتىن سېتىۋالىدىغان دورا رېتسىپى ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا يوللانغان ئاغرىقنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق كېسەل كۆرسىتىش ئۇچۇرى ۋە رېتسىپىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئاغرىقلارنى ماس ھالدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ھەم داۋالىنىش سۇغۇرتىسى راسچوت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.

  38 دورىخانا ئىچىدە، تىيانشان رايونىدا 11ى، سايباغ رايونىدا توققۇزى، يۇقىرى، يېڭى كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 10ى، شۈيموگوۋ رايونىدا ئۈچى، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدا تۆتى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا بىرى بار ئىكەن.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولمىغان، دورا تەڭشەش زۆرۈر بولغان، ئۇزاق مۇددەتلىك رېتسىپقا ئۇيغۇن كەلمىگەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىغا نۇقتىلىق داۋالاش ئورگانلىرى مەخسۇس يول تەسىس قىلىپ، ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا داۋالىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كېسەل كۆرسىتىش، دورا سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ