تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئەۋەتكەن تارقىلىشچان كېسەللەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋۇخەنگە يېتىپ بېرىپ، تارقىلىشچان كېسەللەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز شىن لۇ، ۋاڭ بىن خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئەۋەتكەن تارقىلىشچان كېسەللەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋۇخەنگە يېتىپ باردى. بۇ شىنجاڭ ئەۋەتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرى بولۇپ، ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋۇخەندە تارقىلىشچان كېسەللەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە سەييارە نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش بولۇپ، ئۇلار ۋۇخەندە ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە خىزمەت قىلىدۇ.

  2-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋۇخەنگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ ئۈچ خادىم ۋۇخەننىڭ ئۈچ رايونىدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتىسىدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان.

  سىننى ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تەمىنلىگەن

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل