تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«90-يىللاردا تۇغۇلغان» كەنت دوختۇرى: يۇقۇمغا زەربە بېرىشتە مەن بار، خاتىرجەم بولۇڭلار

  مۇجى بازىرىدىكى كادىر ھاسار كەنتىدىكى كەنت دوختۇرى ئاينۇر روزىباقىنىڭ خاتىرىلەش جەدۋىلىنى تولدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ۋېيگو، خۇاڭ خې خەۋىرى، فوتوسى): «سىز ئۆيدە ئايرىۋېتىلگەن مەزگىلدە سىرتقا چىقماڭ، تاماق يېگەندە ئائىلىڭىزدىكىلەردىن ئايرىلىپ غىزالىنىڭ، قاچا-قۇچىلارنىمۇ بىللە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.» 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاينۇر روزىباقى بىر تەرەپتىن ئۆيىدە ئايرىۋېتىلگەن كىشىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەسكەرتتى.

  ئاينۇر روزىباقى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى ھاسار كەنتى شىپاخانىسىنىڭ دوختۇرى، ئۇ 1998-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ھامىلىدار بولغىنىغا ئۈچ ئاي بولغانىدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، گۇما ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازار، ھەرقايسى مەمۇرىي كەنتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى، ھاسار كەنتى شىپاخانىسىدىكى ئىككى كەنت دوختۇرىمۇ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ، ئائىلىسىدە ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئۆيىنى دېزىنفېكسىيە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، ھەمدە ئادەتتىكى ئاغرىقلارغا قارىتا دەسلەپكى داۋالاش ئېلىپ باردى.

  گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى ھاسار كەنتىنىڭ كەنت دوختۇرى ئاينۇر روزىباقى (ئوڭدا) ئائىلىسىدە ئايرىۋېتىلگەن خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى خاتىرىلىمەكتە.

  «يۇقۇمغا قارىتا، ئۆيدىكىلەرمۇ بالام ئىككىمىزنىڭ سالامەتلىكىدىن بەك ئەنسىرىدى. مەن ھاسار كەنتى شىپاخانىسىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىدىم، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىمەن، بۇنداق ئەھۋالدا خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇشۇم كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى بۇئايشەم ئابلىكىم ھەدەمنىڭ بالىسى تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا تۆت ئاي بولدى، ئۇنىڭ بۇنچە كۆپ خىزمەتنى يالغۇز قىلىشىغا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.» ئاينۇر روزىباقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلغانىدى.

  ئوخشاشلا ھاسار كەنتى شىپاخانىسىدا ئىشلەيدىغان بۇئايشەم ئابلىكىم 1995-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بالىسى ئەمدىلا تۆت ئايلىق بولغاچقا، ئۇ بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئىدى، بالا ئاپىسىدىن ئايرىلالمايتتى. بۇئايشەم ئابلىكىمنىڭ ئاتا-ئانىسى يەنە بىر يېزىدا بولۇپ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئامالسىز ئىدى، ئېرى مۇجى بازىرىدا خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ، بىر تەرەپتىن بالىسىغا قاراشنى قارار قىلدى.

  گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى ھاسار كەنتىنىڭ كەنت دوختۇرى ئاينۇر روزىباقى ئائىلىسىدە ئايرىۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

  «مەن دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن، بالىغا مەن قارىسام، سىلەر خاتىرجەم بولساڭلار بولىدۇ. مەن كېسەل داۋالىغاندا، بالامنىڭ مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەيمەن.» دېدى بۇئايشەم ئابلىكىم تېلېفوندا ئۆيىدىكىلىرىگە.

  بۇئايشەم ئابلىكىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، گەرچە ئۇ باشقا دوختۇر-سېسترالارغا ئوخشاش خۇبېيدىكى 1 - سەپكە ياردەمگە بارالمىسىمۇ، كەنتتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ، كەنتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسىلا، يۇقۇمغا زەربە بېرىشكە تۆھپە قوشقان بولىدىكەن.

  «مەن ئۆزۈمنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى <جەڭ>گە قاتنىشالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن!» دېدى بۇئايشەم ئابلىكىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ