يۇقۇم يوقىتىلمىغىچە، ئۇلار چېكىنمەيدۇ. ئاپتوموبىللار نورمال، تەرتىپلىك يۈرۈۋاتقان يولدا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتىنىڭ ھەرقايسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان چوڭ ئەترەتلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرى ماددىي ئەشيا توشۇۋاتقان، ئۆيىگە قايتىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىشى ئەسلىگە كېلىپ ئىش ئورنىغا قايتىۋاتقان خادىملارنى قوغداپ مېڭىپ، ئۇلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلدى.
«ئالدىرىماڭ، بىز سىزنى ئاپىرىپ قويىمىز»
«مېنىڭ راستلا ئامالىم قالمىدى، ماڭا ياردەم قىلىڭلار!» 2- ئاينىڭ 12 – كۈنى، ئايروپىلان ئۇچۇش ۋاقتىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ قېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ، شياۋ جاڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى ئايۇپجان نۇرمەمەتتىن ياردەم سورىدى.
ئىگىلىنىشچە، شياۋ جاڭ ئۆيىدە تېببىي كۆزىتىش مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجوۋ شەھىرىدىكى ئىش ئورنىغا قايتماقچى بولغان، بىراق ئۇ مەھەللە ئاھالە كومىتېتى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنى قولدىن بېرىپ قويغان.
«جىددىيلەشمەڭ، بىز سىزنى ئاپىرىپ قويىمىز!» ئايۇپجان تەسەللىي بېرىپ، شياۋجاڭنى خاتىرجەم قىلدى.
شياۋ جاڭنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، ئايۇپجان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى شياۋ جاڭنى ئېلىپ، ساقچى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ئايرودۇرۇمغا قاراپ يول ئالدى.
«بىز يول باشلايمىز، سىز ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئەگىشىپ مېڭىڭ»
2-ئاينىڭ 8- كۈنى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ سانائەت باغچە رايونىدىن ئەمدىلا چىقىپ، بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى مىدۇڭ سانائەت باغچە رايونى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە يولدىن ئادىشىپ قالدى.
ئاپتوموبىلدىكى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ساۋەن ناھىيەسىگە ئېلىپ مېڭىلغان ئىدى، كېيىنكى يولنى قانداق مېڭىش كېرەك؟ كۆز ئالدىدىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىكى كۆپلىگەن باغلىما يولغا كىرىش ئېغىزىغا قاراپ، ئىككى شوپۇر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچى قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش، ماددىي ئەشيا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتى مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون بەردى.
يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى كازىۋەن چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى جوۋ لېي ۋە خىزمەتداشلىرى ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى ئېلىپلا دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى، «بىز يول باشلايلى، سىلەر ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار!» دېدى جوۋ لېي شوپۇرلارغا.
«خاتىرجەم ساقلاپ تۇرۇڭ، بىز رېمونتچى تاپايلى»
شوپۇر ۋاڭ xx لىق كۆمۈر بېسىلغان بىر ئاپتوموبىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى توك بىلەن تەمىنلەش كارخانىسىغا كېتىۋاتقىنىدا، ئاپتوموبىلدىن كاشىلا كۆرۈلۈپ، بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى داخۇاڭشەن مۇلازىمەت رايونىدا ئىككى كۈن تۇرۇپ قالدى.
2– ئاينىڭ 14 – كۈنى، شوپۇر شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچى قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش، ماددىي ئەشيا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتى مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلدى، يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى فۇكاڭ چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى نۇرمەمەت تۇرسۇن ۋە خىزمەتداشلىرى ناھايىتى تېزلا نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.
«خاتىرجەم ساقلاپ تۇرۇڭ، بىز ھازىر ئادەم تېپىپ ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلدۇرۇپ بېرىمىز!» ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نەنچۈەنزى ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى بىر رېمونت زاۋۇتىغا بېرىپ، بۇ زاۋۇتتىكى كەسپىي رېمونتچىنى كاشىلا كۆرۈلگەن ئاپتوموبىلىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى.
«ئاپتوموبىلغا چىقىڭ، بىز سىزنى بالون سېتىۋالغىلى ئاپىرايلى»
2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، شوپۇر سۈي xx ئۈرۈمچىدىن لىق بىر ئاپتوموبىل يەم -خەشەك ئېلىپ، شىخەنزە شەھىرىدىكى بىر باقمىچىلىق مەيدانىغا ئېلىپ ماڭدى. ئاپتوموبىل ئۈرۈمچى – كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى سەنپىڭ مۇلازىمەت رايونىغا كەلگەندە بالون ئېتىلىپ كەتتى.
ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىپلا، يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋاڭ يۈ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭ تەرەپ ئارقا بالونىنىڭ ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى، ئالماشتۇرىدىغان بالون بولمىغانلىقتىن، ئاپتوموبىلنى سۆرىتىپ مېڭىشمۇ مۇمكىن بولمايتتى. خەلق ساقچىلىرى ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، سۈي xxكە مۇنداق دېدى: «يۈرۈڭ، ئاپتوموبىلغا چىقىڭ، بىز سىزنى بالون سېتىۋالغىلى ئاپىرايلى.»
شۇ چاغدا سائەت ئاللىقاچان 20دىن ئاشقان بولغاچقا، خەلق ساقچىلىرى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ئىزدەپمۇ ئوچۇق دۇكان تاپالماي، ئىزدەشتىن توختىدى. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، خەلق ساقچىلىرى شوپۇرغا سۇ، يېمەكلىك ئاپىرىپ بەردى ۋە ئۇنى باشلاپ داۋاملىق بالون دۇكىنى ئىزدىدى.
خەلق ساقچىلىرىنىڭ ياردىمىدە، سۈي xx ئاخىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا بالون سېتىۋالدى. خەلق ساقچىلىرى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئىشچى بىلەن ئالاقىلىشىپ بالوننى ئالماشتۇرغۇزۇپ بەردى.
«ئەنسىرىمەڭ، بىز سىز بىلەن بىللە بارىمىز»
يەرلىكنىڭ يول خېتى بولمىغاچقا، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بېسىلغان ئىككى ئاپتوموبىل قاراملىق بىلەن داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۈرۈمچى – كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى سانجى شەرقىي ھەق ئېلىش پونكىتى چىقىش ئېغىزىغا يېقىن جايدىكى مۇلازىمەت رايونىدا نەچچە كۈن ساقلاپ تۇردى، شوپۇرلار ئېلىپ ماڭغان يېمەكلىكى تۈگەيلا دەپ قالغانىدى.
2- ئاينىڭ 13- كۈنى، ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى سانجى چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى شوپۇرلارغا بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، قېتىق، تەييار چۆپ، مىنېرال سۇ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ، مۇلازىمەت رايونىغا ئاپىرىپ بەردى.
شوپۇرلارنىڭ ئەندىشىسىنى بىلگەندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى ساقچى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئىككى شوپۇرنى باشلاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول چىقىش ئېغىزىغا ئاپىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەكشۈردى ھەمدە ئۇلارغا ياردەملىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈردى.
خەلق ساقچىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى ئوڭۇشلۇق ھالدا يولىغا راۋان بولدى، مېڭىش ئالدىدا، شوپۇرلار خەلق ساقچىلىرىغا توختىماي رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئالدى بىلەن قاتناش ساقچىلىرىنى ئويلايدىكەنمىز، رەھمەت سىلەرگە!»
خەن جىن، ۋاڭ ۋېن، ليۇ شياۋ، دۇ يۈەنيۈەن، شىن جۈنجيې، كوۋ جيەنلۇڭلار خەۋىرى
(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)