تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوشۇت ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىگە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شۆ يۈنشاۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇ چياڭ): 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسىدە شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىگە ئىئانە قىلىنغان تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. لىققىدە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى ۋۇخەنگە قاراپ يولغا چىقتى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ تۈركۈمدە 386 كىشىلىك داۋالاش ئەترىتىنى خۇبېيغا ئەۋەتتى. خوشۇت ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىزچىل ئۇلارنى ئەستىن چىقارماي، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 223 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى تۈرلۈك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توپلاپ، ئۇلارنى ئارقا سەپ جەھەتتىن قوللىدى.

  بۇ ماددىي ئەشيالار 400 يەشىك كالا گۆشى قىيامى، 400 يەشىك لازا قىيامى، 110 يەشىك ھۆل ئۈزۈم، 413 كىلوگرام قۇرۇتۇلغان گۆش، قېتىق، نان ۋە بولكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالار قاچىلانغان ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى ۋاڭ يۇڭلياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىگە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدۇق، گەرچە يول بىر قەدەر يىراق بولسىمۇ، زىممىمىزدە بۇرچ ۋە مۇھىم تاپشۇرۇق بار، بىز چوقۇم ماددىي ئەشيالارنى تېزدىن بىخەتەر يەتكۈزۈپ بېرىمىز.»

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم خوشۇت ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى يەنە بۇ ناھىيەدىن داۋالاش ئەترىتىگە ئەۋەتىلگەن ئىككى نەپەر تېببىي خادىمغا ھال سوراش خېتى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى