تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى كېسەللىكنى كونترول قىلغۇچىلار: بىز قومۇلدا، ۋىرۇسقا يوشۇرۇنغىدەك جاي قالدۇرمايمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ قومۇلدا تۇرۇشلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

     ئەمدىلا ئاتا-ئانامنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىشىمگە، كاماندىروپكىغا چىقىدىغان بولۇپ قالدىم

    55 ياشلىق جاڭ شياۋبىڭ ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ قومۇلدا تۇرۇشلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، خىزمەتكە قاتناشقان 30 يىلدىن بۇيان، ئۇ سارس، قۇش زۇكىمى، ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ھەمدە ۋېنچۇەندىكى قاتتىق يەر تەۋرەش، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەش قاتارلىق زور ئاپەتلەردىن كېيىنكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان، «قومۇل شىنجاڭغا كىرىدىغان تۇنجى بېكەت، بۇ يەرنى چىڭ ساقلاش يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇشتىكى مۇھىم نۇقتا.» دېدى ئۇ.

    چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى جاڭ شياۋبىڭ 80 ياشلىق ئاتا-ئانىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، چاغانلىق تاماقنى ئەمدىلا يەپ بولۇشىغا، چاغاننىڭ 1-كۈنى قومۇلغا بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. «مەن تۇيۇقسىز ماڭىدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ياشانغان ئاتا-ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئائىلە خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلدىم.» دېدى جاڭ شياۋبىڭ.

    جاڭ شياۋبىڭ قومۇل شەھىرىگە بېرىپ، شۇ جايدىكى سەھىيە، كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى، شۇنداقلا داۋالاش ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىرگە تاشيول، تۆمۈريول ۋە پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق قاتناش تارماقلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتى. «مەندىن باشقا، بىللە كەلگەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەنلەر، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سەھىيە، يېمەكلىك قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەن بولغاچقا، قولى چاققان، كەسپىي بىلىمى پۇختىكەن، ئۇلار يەرلىكتىكى ئالاقىدار خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.» دېدى ئۇ.

    20 نەچچە كۈندىن بۇيان، جاڭ شياۋبىڭ قومۇل شەھىرىدىكى 20 نەچچە مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسى ھەم نۇرغۇن كارخانا، مەھەللىلەرگە بېرىپ، كۆپچىلىككە ئايرىش رايونى، پەسەيتىش رايونى ۋە تازىلىق رايونىنى قانداق ئايرىشنى، قانداق قىلغاندا توغرا دېزىنفېكسىيە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ قومۇلدا تۇرۇشلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پويىزدا خىزمەت قىلماقتا. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

     چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىم ئىچىگە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئەسۋابى سېلىۋېلىش

    قومۇلغا كەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ قومۇلدا تۇرۇشلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈندى: پويىز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، شىڭشىڭشيا تەكشۈرۈش پونكىتى گۇرۇپپىسى ۋە ۋوگزال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى. 2019-يىلى 11- ئايدا ئەمدىلا خىزمەتكە چۈشكەن ئېلزات ئەسەت پويىز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا بۆلۈندى، ئۇ ياش بولغاچقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

    ھەر كۈنى چۈشتە ئېلزات پويىزغا ئولتۇرۇپ ليۇيۈەنگە بارىدۇ، كەچ سائەت 10لار ئەتراپىدا، ليۇيۈەندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىدىغان پويىزغا ئەگىشىپ قومۇلغا قايتىپ كېلىدۇ. پويىزدا ئۇ بارلىق يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشكە مەسئۇل بولۇپ،  ئەگەر قىزىغان ياكى يۆتىلىپ قالغان يولۇچىلارنى بايقىسا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. «كەچتە ۋوگزال سۇپىسىدا پويىزنى ساقلاپ بىردەم تۇرسام، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگۈچ <توڭلاپ> قالدى، پويىزغا چىققاندىن كېيىن، مەن ئۇنى كىيىمىمنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ھارارىتىم ئارقىلىق ئىسسىتتىم.»دېدى ئۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ قومۇلدا تۇرۇشلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئېرپان ئىمام خىزمەت قىلماقتا.(سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  يۇقۇم ئەھۋالى ئاستىدا، كۆپچىلىك «كېسەللىكنى كونترول قىلغۇچىلار» بىلەن تونۇشتى

    «يۇقۇم يۈز بەرمىگەن ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىدە كونكرېت نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى، ھازىر، كۆپچىلىك <كېسەللىكنى كونترول قىلغۇچىلار> بىلەن تونۇشتى.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ قومۇلدا تۇرۇشلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزاسى ئېرپان ئىمام.

    ئېرپان چاغاننىڭ 1-كۈنى كەچ شىڭشىڭشيا تەكشۈرۈش پونكىتىغا كېلىپ، تۇنجى كەچلىك نۆۋەتچىلىك خىزمىتىىنى باشلىۋەتتى. «مۇداپىئە كىيىمى كىيىشنى بىز مەكتەپتە كۆپ قېتىم ئۆگەنگەن ۋە مەشىق قىلغان، شۇ چاغدا نەق مەيداندا نۇرغۇن خىزمەتچى خادىملارنىڭ ماسكا، مۇداپىئە كىيىملىرىنىڭ جايىدا بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، بىر-بىرلەپ ئۆگەتتۇق. كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، كۆپچىلىك بىزنى ئىزدەپ كېلىپ سورايدىغان بولدى.» دېدى ئېرپان. بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئېرپان تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزا.

    شىڭشىڭشيادا 10 كۈن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئېرپان قومۇل شەھەر رايونىغا يۆتكىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىر يۈرۈش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سىنلىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ۋە كىرىشتۈرۈپ، كۆپچىلىككە ئائىلىدە قانداق ئايرىش بىلىملىرىنى ئۆگەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە نەق مەيدانغا بېرىپ ئەۋرىشكە ئېلىپ، نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرمىسە بولمايتتى. «ساۋاقداشلىرىممۇ ماڭا ئوخشاش مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كەسىپكە بولغان شەرەپ ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بىزنى تولۇپ تاشقان كۈچكە ئىگە قىلدى، كۆپچىلىك يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان ئاشۇ كۈننىڭ ناھايىتى تېزلا يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.» دېدى ئېرپان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى