2 -ئاينىڭ 15 -كۈنى ئەتىگەندە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى پويىز ساقچى تارماق ئەترىتى 7 - چوڭ ئەترىتى(ئوق پويىز ئەترىتى)نىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ شۈگە تۇيۇقسىز بىر تېلېفون كەلدى. «ئەترەت باشلىقى جاڭ شۈمۇ؟ مەن دانىيار دىلمۇراتنىڭ ئانىسى، سىزنى بىر ئىشقا ئاۋارە قىلاي دېگەنىدىم...»
دانىيار دىلمۇرات D8816\D8805 قېتىملىق قومۇلدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان ئوق پويىزدا ۋەزىپە ئىجرا قىلاتتى. تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، ئۇ، بۇ ئىككى قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدا توختىماي قاتنىدى. ئۇ خىزمەتنى ئورۇنداپ بولۇپلا ياتىقىغا قايتىپ ئۆز -ئۆزىنى ئايرىدى، ئاتا - ئانىسىنى سېغىنسا، ئۇلار بىلەن يان تېلېفوندا سىنلىق كۆرۈشتى.
جاڭ شۈ بۇ ئانىدىن نېمە ئىشى بارلىقىنى سورىغىنىدا، دانىيارنىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە كۈندە تېلېۋىزوردا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساقچىلارنىڭ بىرىنچى سەپتە پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، دانىيارنىڭ دادىسى ئىككىمىز بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر پارچە خەت يېزىپ، ئوغلىمىزغا مەدەت بەرمەكچى بولدۇق.»
شۇ كۈنى سائەت 12 دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، قومۇلدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان 8805 D قېتىملىق ئوق پويىز دەل ۋاقتىدا ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. دانىيار ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئادەتتىكىگە ئوخشاش ياتىقىغا قايتىپ، كىتاب كۆرۈشكە باشلىدى.
بۇ چاغدا ياتاقنىڭ ئىشىكى چېكىلدى، دانىيار ئىشىكنى ئېچىپلا جاڭ شۈنى كۆردى.
-«سىزگە كەلگەن خەتنى ئېلىپ كەلدىم»
-«خەت ئەكەلدىڭىز؟ ئەترەت باشلىقى، چاقچاق قىلماڭا ، ھازىر قايسى زامان، نەدىمۇ خەت يازىدىغان ئىش بار»
-«بۇ خەتنى ئانىڭىز سىزگە يېزىپتۇ»
دانىيار دەرگۇمان بولۇپ، خەتنى ئېلىپ ئاچتى، بۇ ھەقىقەتەن ئانىسىنىڭ پوچېركىسى ئىدى.
«سۆيۈملۈك ئوغلۇم دانىيار، خىزمىتىڭنىڭ ئالدىراشلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار. 2003 - يىلى سەن تېخى 6 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى، سارس تارقالغان چاغدىكى ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ ئېسىڭدە بار ھەرقاچان، ئەينى چاغدا مۇئەللىم بىلەن بىز سېنى قوغدىغانىدۇق، ھازىر سەن چوڭ بولغاندا، تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا يولۇقتۇق. ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، سەن ھازىر چوڭ بولدۇڭ، ساقچى فورمىسىنى كىيىپ، خەلق ئاممىسىنى قوغدايدىغان جەڭچى بولدۇڭ... سەن ۋەتەننىڭ ئوغلى، ۋەتەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئوتتۇرىغا چىقىشىڭ كېرەك. سەن ھەرگىز چېكىنمەسلىكىڭ، خىزمەت ئورنۇڭدا چىڭ تۇرۇشۇڭ، خەلق ئاممىسىنى قوغدىشىڭ كېرەك. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ئۆزۈڭنىمۇ ياخشى ئاسرا، بىز سەندىن پەخىرلىنىمىز بالام ...»
دانىيارنىڭ كۆزلىرى نەملەندى، كۆز ئالدىدىكى بۇ تونۇش پوچېركا ۋە ئاددىي سۆزلەر دانىيارنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئانىسىنىڭ مۇلايىم ئاۋازى بىلەن دېيىلىۋاتاتتى.
بىر پەس جىمجىتلىقتىن كېيىن، دانىيار قىزارغان كۆزلىرىنى ئەترەت باشلىقى جاڭ شۈگە تىكىپ: «رەھمەت ئەترەت باشلىقى، ماڭا دەل ۋاقتىدا ئىلھام ئېلىپ كەپسىز. خۇددى ئانام خېتىدە ئېيتقاندەك، تىرىشساقلا ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا، ھالقىغىلى بولمايدىغان تاغ يوق، ساقچى - خەلق قەلبداش بولۇپ قىيىنچىلىقنى يەڭسەكلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز!»
مۇخبىرنىڭ سۆزى: تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، دانىيارنىڭ ئانىسىغا ئوخشاش خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمىتىنى قوللايدىغان كادىر - ساقچى ئائىلىلىرى ناھايىتى كۆپ. ئۇلار تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق بىرىنچى سەپتىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ھەل قىلىپ، خەلق ساقچىلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن« جەڭ»گە ئاتلىنىشقا مەدەت ۋە ئىلھام بەرمەكتە . ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلايلى. قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئاستىدا مۇجەسسەملەنگەن يېڭىلمەس كۈچ بىلەن تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەر بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.
گۇ شۆلى، لى گوشيەنلار خەۋىرى
(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)