تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇلار سۇ تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز فېي شۈەن): 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، تيەن رۇڭ نۆۋەتچىلىك ئۆيىدىكى تېلېفوننىڭ ئالدىدا ناھايىتى سەگەك ئولتۇراتتى، «ھازىر ھالقىلىق پەيت، ھېرىپ كەتسەكمۇ ھېچقىسى يوق، ئاممىنىڭ نورمال سۇ ئىشلىتىشى مۇھىم» دېدى تيەن رۇڭ.

  تيەن رۇڭ ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش-رېمونت قىلىش مەركىزى جىددىي رېمونت قىلىش 2-ئەترىتىنىڭ باشلىقى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرى «جەڭگە ئاتلىنىش» ھالىتىگە ئۆتتى، بۈگۈنگىچە ئۇلار 20 كۈنگە يېقىن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى.

  ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش-رېمونت قىلىش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى سۇ تەمىنلەش تۇرۇبىسىنى رېمونت قىلماقتا.

  بۇ مەزگىلدىكى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى تىلغا ئالغاندا، خىزمەتداشلىرى بىلەن 2-ئاينىڭ 15-كۈنى شىسەن سۇ زاۋۇتى DN1200 سۇ تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنى جىددىي رېمونت قىلغاندىكى مەنزىرە تيەن رۇڭنىڭ ئېسىگە كېلىدۇ. شۇ كۈنى سائەت 10:00دا، جىددىي رېمونت قىلىش مەركىزى رېمونت قىلىشنى تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تيەن رۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن رېزىنكە ئۆتۈك كىيىپ، ماسكا ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقاپ، ئالدىراش چىقىپ كەتتى. «دېيامېتىرى 1.2 مېتىر كېلىدىغان سۇ تەمىنلەش ئاساسىي تۇرۇبىسىنىڭ كەپشەرلەش ئېغىزىدىن مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا رېمونت قىلمىساق، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە تەسىر يېتەتتى» دېدى تيەن رۇڭ، شۇ كۈنى جىددىي رېمونت قىلىش ئەترىتىنىڭ 15 خادىمى تولۇق توققۇز سائەت كۈرەش قىلىپ، تۇرۇبىنى رېمونت قىلىپ بولدى.

  ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش-رېمونت قىلىش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى سۇ تەمىنلەش تۇرۇبىسىنى جىددىي رېمونت قىلماقتا.

  يۇقۇم ئالدىدا، ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى سۇ مەنبەسى، سۇ سۈپىتى، جىددىي رېمونت قىلىش، شۇنداقلا سۇ تەمىنلەش، چىقىرىش شىركىتىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى جەھەتتە كۆپ خىل تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، پائال تاقابىل تۇرۇپ، سۇ تەمىنلەش كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. چاغاندىن ھازىرغىچە، سۇ مەنبەسى ئورنى ۋە ھەر قايسى سۇ زاۋۇتلىرىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇپ، قەرەللىك ھاۋا ئالماشتۇردى، دېزىنفېكسىيەلىدى، سۇ مەنبەسىدىكى سۇ، زاۋۇتتىن چىققان سۇ، تورۇبا تورى سۈيى ۋە ئاخىرقى سۇنى ئۆلچەش قېتىم سانىنى كۈچەيتتى؛ ھەر قايسى سۇ تەمىنلەش شىركەتلىرى تەمىنلەش مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى؛ شەھەر رايونىنىڭ سۇ چىقىرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى؛ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش-رېمونت قىلىش مەركىزى سۇ تەمىنلەش تۇرۇبا يوللىرىنى جىددىي رېمونت قىلىشقا ئاتلاندى...

  ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش-رېمونت قىلىش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر جىن چۇنيۈەن مۇنداق دېدى: «يۇقۇم مەزگىلىدە بىز ئادەم، ماتېرىيال، ماشىنا ئەسۋابلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇردۇق، جىددىي رېمونت قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى 24 سائەت ئىش ئورنىدا بۇيرۇق كۈتۈپ، شەھەرگە سۇ تەمىنلەشنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى».

  جىددىي داۋالاش ئورۇنلىرى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى «2648888» قىزىق لىنىيە تېلېفونىدا پۈتۈن كۈن سۇ ئىشلىتىش توغرىسىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ