تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى يېڭىدىن ۋاقىتلىق نۆۋەتچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشتى

  ئاقسۇ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ چيەن خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋە خادىملارنى توشۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش، نورمال ئىقتىسادىي تەرتىپ ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى يېقىندا يېڭىدىن ۋاقىتلىق نۆۋەتچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ۋاقىتلىق نۆۋەتچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ A320 تىپلىق ئايروپىلانى ئىجرا قىلىدىكەن، ئىجرا قىلىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بولىدىكەن.

  كونكرېت نۆۋەتچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى مۇنۇلار: ئاقسۇ-لەنجوۋ-چېڭدۇ بېرىش-كېلىش لىنىيەسى، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى G54389/4390 بولۇپ، 08:40تا چېڭدۇدىن ئۇچۇپ، 10:00دا لەنجوۋغا يېتىپ كېلىدۇ، 10:55دە لەنجوۋدىن ئۇچۇپ، 14:55تە ئاقسۇغا يېتىپ كېلىدۇ؛ 15:45تە ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، 19:15دە لەنجوۋغا يېتىپ بارىدۇ، 20:10دا لەنجوۋدىن ئۇچۇپ، 21:50تە چېڭدۇغا يېتىپ بارىدۇ؛ ئاقسۇ-شىئەن بېرىش-كېلىش لىنىيەسى، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى G54393/4394 بولۇپ، 08:40تا شىئەندىن ئۇچۇپ، 12:50دە ئاقسۇغا يېتىپ كېلىدۇ؛ 13:40تا ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، 17:10دا شىئەنگە يېتىپ بارىدۇ.

  ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالاھىدە مەزگىلىدە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ۋاقىتلىق ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئايرودۇرۇمغا كىرىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسىدە يولۇچىلار بېلىتى سېتىلمايدۇ، پەقەت ئايرودۇرۇمدىن چىقىدىغان يولۇچىلار بېلىتىلا سېتىلىدۇ، ئەگەر باشقا مەسلىھەت سورايدىغانلار بولسا، خۇاشيا ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار قىزىق لىنىيەسى 400-600-6633گە تېلېفون قىلىپ سورىسا بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ قايتىش يۇقىرى دولقۇنىدا ئادەملەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىشى ۋە توپلىنىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى يېتەرلىك تەييارلىق قىلىپ، ئىلمىي ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، شەخسىي مۇداپىئە قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغان.

  (ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى