تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يەنە ئىككى ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 22گە يەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنور قويۇلغان يەنە ئىككى ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئىككىلىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە دوختۇرخانىدىن چىققانلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ئېغىر خەتەرلىك كېسەللىك مىسالى ئىكەن.

  بۇ ئاغرىق دوختۇرخانىغا كەلگەندە كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىشى بىلەن ئېغىر خەتەرلىك كېسەللىك مىسالى دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ئارقىدىن مەخسۇس ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئەترىتى قۇرۇپ، ئەڭ يېڭى داۋالاش لايىھەسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھەر كۈنى كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا داۋالاش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەڭشىگەن ھەمدە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ داۋالىغان، 25 كۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ داۋالاش ئارقىلىق بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تەدرىجىي ياخشىلانغان، تۈرلۈك ھاياتلىق ئالامەتلىرى كۈندىن-كۈنگە تۇراقلاشقان، كۆپ قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە ھەممىسى مەنپىي چىققان، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتكەن.

  بۇ ئىككى نەپەر ئاغرىق ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى بىلەن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىنى ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ساقىيىپ 2-ئاينىڭ 20-كۈنى دوختۇرخانىدىن چىققان.

  ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللىك مىسالى جەمئىي 22گە يەتتى، ھازىر 53 ئادەم دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ