تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ توپ سېتىش بازارلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خەۋىرى: «2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بازىرىمىزدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا قايتتى، ھەر كۈنى كىرىپ-چىققان ئاپتوموبىللارنى ئاز بولغاندا ئىككى قېتىمدىن دېزىنفېكسىيە قىلىمىز. ئاپتوموبىل بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن ئورۇندا دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ، ئاپتوموبىلنىڭ بارلىق ئىشىكىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرىمىز، كابىنكا، ئاپتوموبىل چاقىنى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياكى خلور دىئوكسىد پۈركۈش ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىمىز. شوپۇرلار چوقۇم ماسكا تاقىشى، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە تېز قۇرۇيدىغان قول دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك. دېزىنفېكسىيەلەنمىگەن ئاپتوموبىللار بىردەك كىرىشكە بولمايدۇ. كىرىپ-چىققان يۈك توشۇش خادىملىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، كارانتىن قىلىپ، بازاردىكى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز» دېدى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چىن جۇڭ مۇخبىرلارغا.

  چىن جۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭغا قىشلىق يۇپۇرماقلىق كۆكتاتنىڭ %80~%85ى ئىچكىرى جايلاردىن سېتىۋېلىنىدىكەن، شىنجاڭدىكى كۆكتات، مېۋە-چېۋىنىڭ تەخمىنەن %80ىنى جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرى تەمىنلەيدىكەن. يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ شىركەت بىرىنچى ۋاقىتتا يۈننەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى كۆكتات تېرىغۇچىلار بىلەن ئېتىز بېشىدىلا مال تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالاپ، كۆكتاتلارنىڭ يېتەرلىك تەمىنلىنىشى ۋە باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرى تىجارەتچىلەرنىڭ سودا-سېتىق چىقىمىنى كېمەيتكەن، بۇ ئارقىلىق كۆكتات سودىسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ئاكتىپلىقى قوزغىلىپ، بازار «جانلاندۇرۇلغان».

  2-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 5:00تە، تاڭ تېخى يورۇماستىلا، ئۈرۈمچى شەھىرى ساڭفاڭگۇ يولىدىكى شىنجاڭ لىڭچىڭ كۆكتات توپ سېتىش بازىرى قىزىپ كەتكەنىدى. بازارغا كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كىرىش ئېغىزىدا تىزىملىتىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىدىكەن، ئاپتوموبىللار دېزىنفېكسىيەلىنىدىكەن.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بۇ بازارنىڭ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئادەملەر زىچ ئۇچرىشىدىغان ئىشىك تۇتقۇچى، تارازا قاتارلىق بۇيۇملارنى، ئاممىۋى رايونلارنى بىر كۈندە ئىككى قېتىم پۈركۈش ۋە سۈرتۈش ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىدىكەن. ھەر قايسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، بازار يەنە مال سەپلەش، يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغان، يەنە ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقان.

  ھازىر بۇ بازاردا سېتىلىۋاتقان كۆكتاتنىڭ تۈرى 60 خىلدىن ئاشىدىكەن، كۈندىلىك سودا مىقدارى 160 توننىغا يېتىدىكەن. كىرگەنلەرنى تىزىملاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن سىرت، ئاھالىلەرنى «ئۆيىدىن چىقمايلا» كۆكتات، مېۋە-چېۋە، ئاشلىق-ماي بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، بۇ شىركەتتىكى 60تىن ئارتۇق كىشى تۇڭخۇي يوۋشۈەن(通汇优选) يەتكۈزۈش سۇپىسى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە مالنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. 2-ئاينىڭ 18-كۈنى جەمئىي 27 مىڭ 862 زاكاز قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، 300 توننا ئەتراپىدا كۆكتات، مېۋە-چېۋە، ئاشلىق-ماي، قوشۇمچە يېمەكلىك، ماددىي ئەشيا تەقسىملەپ يەتكۈزۈلگەن. (مۇخبىر جاۋ چۈنخۇا، ۋېي خۇڭپىڭ، يې شياۋمېي، جاۋ يۆن زىيارەت قىلىپ يازغان)

  (شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى