تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مەرد مەيداندا سىنىلار، ساپ ئالتۇن ئوتتا سىنىلار. يامان ئەلپاز بىلەن كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلارچە كۈرەش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىدى، ۋەزىپە قەيەردە خەتەرلىك، ئېغىر بولسا، شۇ يەردە پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمەتلەرنى قەتئىي، كۈچلۈك ئىشلىدى، شۇ يەردە پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت، ئۈلگە بولدى. بىز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار جەزمەن خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەل ۋاقتىدا «پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى ھازىرقى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشنى ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىدىغان سىنتاش ۋە بىلەي قىلىشنى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى قۇدرەتلىك سىياسىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق، بىر ياچېيكا بىر قورغان. بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنى تىزىملىتىشتا ئالدىدا ماڭدى، جەڭدە ئالدىدا ماڭدى، يېتەكچىلىك قىلىشتا ئالدىدا ماڭدى، بىرىنچى سەپتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلدى. خۇبېي ۋۇخەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە ئارمىيەدىن خۇبېيغا ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترەتلىرى تېزلىكتە ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىلىرىنى قۇردى، «پارتىيە ياچېيكىلىرى ۋاقىتلىق بولسىمۇ، لېكىن ئەسلىي مەقسەت چوغدەك قىزىق بولدى»؛ خۇنەن چاڭشادا، خۇنەن جۇڭيى دورىگەرلىك داشۆسىنىڭ 1 - تارماق دوختۇرخانىسىدا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، «جەڭگە مەن تەييار! ئاتاكىغا ئۆتۈشكە مەن تەييار! غەلىبە قىلىشقا مەن تەييار!» دېدى؛ جېجياڭ ۋېنجوۋدا، ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىلىرى، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تېز ھەرىكەتكە كەلدى؛ تيەنجىن جىجوۋنىڭ دۇڭجاۋ گېجۇاڭدا، 27 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە، ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇي ھاياتىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتىدى. «مەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، بەرداشلىق بېرەلەيمەن» «مەن شۇجى، ئاغرىقلارنى توشۇشقا مەن باراي» «پارتىيە ئەزالىرى كۆپرەك قاترىساق، ئاھالىلەر ئۆيىدىن ئازراق چىقىدۇ» «پارتىيە ئەزاسى بولغان ئىكەنمىز چوقۇم ئاۋۋال ئاتاكىغا ئۆتىشىمىز كېرەك» «پەۋقۇلئاددە پەيت دەل پارتىيە ئەزالىرى ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ۋاقىت ئەمەسمۇ؟» «ئۆلۈم بىلەن ئېلىشقان ۋاقتىمىزدا، كۆڭلىمىزدە جەزمەن بىر خىل مەنىۋى كۈچ تىرەك بولۇشى كېرەك» − مانا بۇ سەمىمىي، ئاددىي سۆزلەردىن پارتىيەۋىلىك نۇرى چاقنىدى، قىزىل ھېسسىيات نامايان بولدى. ئېغىر كېسەللەر كېسەلخانىسىدىكى مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىن شەھەر - يېزىلاردىكى مەھەللىلەردە ئۆيمۇئۆي كىرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكىچە، زاۋۇت سېخلىرىدىكى ئىسمېنا قوشۇپ، ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ئىشلەپچىقىرىشتىن پەن تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقىچە، مەيلى قايسى جايدا بولسۇن، مەيلى قايسى ئىش ئورنىدا بولسۇن، كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئاغرىقلار ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلق ھەممىدىن ئۈستۈن، ھاياتلىق ھەممىدىن ئۈستۈن، دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە.

ئومۇمىي مەنپەئەتنى كۆزلەش، ئاۋۋال باشقىلارنى، ئاندىن ئۆزىنى ئويلاش، جاپادا ئالدىدا، راھەتتە كەينىدە تۇرۇش، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، نەمۇنىلىك بىلەن باشلامچى بولۇش، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلارچە كۈرەش قىلىش، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش، بۇلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىكىنىڭ مەنىۋى ئامىلى. پارتىيە ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا، باشتىن - ئاخىر بۇ ئىدىيە ۋە روھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، ئۆزىنىڭ كادىرلىرىنى چېنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇردى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيەگە كىرگەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئىدىيە ۋە روھنىڭ سىڭدۈرۈلۈشى، تاۋلىشىنى قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ئىدىيە ۋە روھ پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ كونكرېت نامايەندىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقا ھەرقانداق پارتىيەدىن پەرقلىنىدىغان، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالارغا ئوخشىمايدىغان روشەن بەلگىسى. قانچىكى خەتەرلىك پەيتتە تۇرغاندا، قانچىكى مۇھىم، زور پەيتتە تۇرغاندا، بۇ ئىدىيە ۋە روھ شۇنچە يارقىن نۇر چاچىدۇ. گەرچە ئىنتايىن ئاز ساندىكى پارتىيەلىك كادىرلاردا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كەسكىن كۈرىشىدە سىناقتىن ئۆتەلمەي، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ھەتتا جىددىي پەيتتە جەڭدىن قېچىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈزبەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قىلمىشلار پارتىيەۋىلىك تەلىپى بىلەن زادىلا سىغىشالمايدىغان بولۇپ، پەقەتلا قۇياش نۇرى ئاستىدىكى بىر كۆلەڭگە، خالاس.

كەسكىن كۈرەش، مۇھىم، زور پەيتتە، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەڭ ياخشى تەكشۈرگىلى ۋە پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى تەكشۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈپ، باھالاپ، ئىشلىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدىكى ئەمەلىي ئىپادىسىنى ئۇلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى، تىزگىنلەش ئىقتىدارى، مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەش، دادىل ئىشلىتىش؛ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالمىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان، ھەتتا ساختىپەزلىك قىلغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئېگىز جەۋلان قىلىۋاتقان پارتىيە بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

(2 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى