تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپىسى خەينەندە ئاغرىقلارنى قۇتقۇزىدۇ، ئوغلى شىنجاڭدا چېگرانى قوغدايدۇ

  چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى جياڭ ۋېي خەينەن سەنيا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى ئاپىسى بىلەن سىنلىق كۆرۈشمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جوۋ يوۋ، گو چىڭ خەۋىرى، فوتوسى) «ئىلگىرى ئاپام كۈندە ئۈندىداردا، تېلېفوندا سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىل، دەپ تاپىلايتتى، ھازىر ئالمىشىپ قالدۇق، مەن ھەر كۈنى سىندا ئۇنىڭ روھلۇق ھالىتىنى، يۆتەلمىگەن ھالىتىنى كۆرسەم ئاندىن خاتىرجەم ئۇخلىيالايمەن» دېدى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ سانجى چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى لاۋجۈنمياۋ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى جياڭ ۋېي.

  ئانا-بالىنىڭ تاپىلايدىغان سۆزلىرىنىڭ ئالمىشىپ قېلىشى جياڭ ۋېينىڭ ئاپىسى شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى، جياڭ ۋېينىڭ ئاپىسى ليۇ شىنپىڭ خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ليۇ شىنپىڭ ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىنىڭ كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مەركىزى ھەر بىر يۇقۇملانغۇچىغا داۋالاش لايىھەسى تۈزۈش ئۈچۈن كېڭىشىپ دىياگنوز قويۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. «ئۇ ھەر كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، شۇڭا مەن بەك ئەنسىرەيمەن، بىراق يەنە تەشۋىشلىنىۋەرسەم ئۇنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يېتىشىدىنمۇ ئەنسىرەيمەن» دېدى جياڭ ۋېي.

  چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى جياڭ ۋېي ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدا يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

  يۇقۇم ئەھۋالى ئەمدىلا كۆرۈلگەن مەزگىلدە، جياڭ ۋېي ئاپىسى تۇرۇشلۇق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مەركىزىنى ئاغرىقلار بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى، بىر كۈنى، ئۇ ئاپىسى بىلەن سىنلىق پاراڭلاشقاندىن كېيىنلا ئاپىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى بىلدى.

  جياڭ ۋېي تېلېفونىدا ئاپىسىنىڭ ئىسمىنى «يولداش لاۋ ليۇ» دەپ ساقلىۋالغان ئىدى، «كېيىن مەن چۈشەندىم، يولداش لاۋ ليۇ ئالدىنقى سەپتە، دوختۇرخانىدا تۇرۇپ يۇقۇمغا زەربە بېرىدىكەن، مەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدا، ئارقا سەپتە تۇرۇپ، ئۆتۈشۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، يۇقۇم تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن-تىزگىنلەيدىكەنمەن» دېدى ئۇ.

  چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى جياڭ ۋېي ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدا ئاپتوموبىللارنى تىزىملاپ تەكشۈرمەكتە.

    «ياخشىمۇسىز! ئاپتوموبىلنى توختىتىپ، پەسكە چۈشۈڭ، كىملىكىڭىز بىلەن چېگرادىن ئۆتۈش يول خېتىڭىزنى كۆرسىتىڭ، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ۋە ئاپتوموبىل دېزىنفېكسىيەلەشكە ماسلىشىڭ!» بۇ سۆزنى جياڭ ۋېي بىر كۈندە نۇرغۇن قېتىم تەكرارلايدۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، ئۇلار 24 سائەت ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 1:00دە، كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشۈپ ساقچىخانىغا قايتقان جياڭ ۋېي مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىپ، يان تېلېفونىنى قولىغا ئالدى. ئاپىسىنىڭ ئۆزىگە تېلېفۇن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى تىندى، چۈنكى ئۇ ئاپىسىنىڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنلا بوش ۋاقتى چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

  جياڭ ۋېي دەرھال ئاپىسى بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشتى، ئۇ ئاپىسىنىڭ كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقىغاچقا ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ، كۆزلىرىگە ياش ئالدى. جياڭ ۋېي ئاپىسىدىن تاماقنى ۋاقتىدا يىگەن-يىمىگەنلىكىنى، يېتەرلىك ئۇخلىغان-ئۇخلىمىغانلىقىنى، بەدىنىدە بىئاراملىق ئالامەتلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى توختىماي سورىدى، ئاپىسى ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپ ئوغلىنى خاتىرجەم قىلدى. «ئوغلۇم، ماڭا ئىشەنگىن، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىۋاتىمىز، تەجرىبەممۇ بارغانسېرى موللاشتى، مەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى ئاق خالاتلىق ئەسكەر، سەن چېگرادىكى كۆك كىيىملىك ئەسكەر، ئانا-بالا ئىككىمىز بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى» دېدى جياڭ ۋېينىڭ ئاپىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى