تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەھەللىدىكى مەخسۇس ئاپتوموبىل دوختۇرخانىغا بارىدىغان ئاھالىلەرنى خاتىرجەم قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر چىن پېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رەيھانگۈل مۇسا): 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ھامىلدار بولغىنىغا 31 ھەپتە بولغان گو خانىم تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشىنى ئوڭۇشلۇق تۈگەتكەندىن كېيىن خاتىرجەم بولدى، ئۆزىنىڭ تەكشۈرتۈشكە بېرىشىغا ۋاقتىدا ياردەم قىلغان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسىغا ئاپرېن ئېيتتى.

رەيھانگۈل مۇسا(ئوڭدا) گو خانىمنىڭ تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشى ئۈچۈن، ئۇنى مەخسۇس ئاپتوموبىلدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا تەييارلاندى.

  «ھامىلدار بولغىنىمغا 31 ھەپتە بولدى، دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇتتىن ئىلگىرى تەكشۈرتىدىغان ۋاقتىم بوپقالدى، ماڭا ياردەم قىلالامسىز...» 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خۇەنۋېي يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شىڭفۇتۈن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى رەيھانگۈل مۇسا سىن ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ قانداق ئېھتىياجى بارلىقىنى سورىغاندا، سۈيتىڭ چۇنشياۋ ئولتۇراق رايونىدىكى گو خانىم تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارسا، ئۆزىگە ياردەم قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىنى سورىدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇەنۋېي يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال مەخسۇس ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇردى. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەندە، رەيھانگۈل مۇسا گو خانىمنى مەخسۇس ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى بىر قاتار تەكشۈرتۈشلەرنى تۈگىتىشىگە ھەمدەم بولدى.

گو خانىم دوختۇرخانىدا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش قىلغۇزماقتا.

  يوقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە، شىڭفۇتۈن مەھەللىسى داۋالىنىش ئېھتىياجى قاتارلىق ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆيىدىن چىقىشقا توغرا كەلگەن كىشىلەرگە قارىتا جىددىي ئىشلار گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى تۈزۈپ، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش يۆتكەش ئاپتوموبىلىنى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئەگەر داۋالىنىشقا دائىر جىددىي ئەھۋال بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپاردى، پۈتۈن مۇساپىدە تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى ھەقسىز ئاپىرىپ-ئەكىلىپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئەگەر يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر ياكى راك كېسىلى بىمارلىرى دورا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئاھالىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار بىلەن ئالاقىلەشسە، مەھەللە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ۋاكالىتەن دورا سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى، بىر قىسىم ئادەتتىكى بىمارلار دورا ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق، ئەمما دوختۇرخانىغا بېرىشى زۆرۈر بولمىسا، مەھەللىدىكىلەر تەۋەلىكتىكى تۆت دورا دۇكىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاھالىلەرگە دورا يەتكۈزۈپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى