تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە 14 نۇقتىلىق كاپالەت كارخانىسى ئېتىبارلىق قەرز پۇلىغا ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ما بېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈ خەۋىرى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزگىلىدە، مەخسۇس تۈرلۈك قايتا قەرز پۇل سىياسىتى شىنجاڭدا تېز، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتى. 2-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 26 كارخانا پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە نۇقتىلىق كاپالەت كارخانىلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 14 كارخانا جەمئىي 850 مىليون يۈەن ئېتىبارلىق قەرز پۇلىغا ئېرىشتى.

  2-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەخسۇس تۈرلۈك قايتا قەرز پۇل __ خەلق بانكىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قوللاش ئۈچۈن، مەملىكەت خاراكتىرلىك توققۇز سودا بانكىسى ۋە 10 نۇقتىلىق رايوندىكى بىر قىسىم يەرلىك قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا تەمىنلىگەن تۆۋەن تەننەرخلىق قايتا قەرز پۇل ھېسابلىنىدىكەن. مەخسۇس تۈرلۈك قايتا قەرز پۇل مەبلىغى تىزىملىك تۈزۈمى بويىچە چۈشۈرۈلىدىكەن.

  مەخسۇس تۈرلۈك قايتا قەرز پۇل سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي شۆبە بانكىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە نۇقتىلىق كاپالەت كارخانىلىرى تىزىملىكىگە كىرىش ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەخسۇس تۈرلۈك قايتا قەرز پۇل ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ كرېدىت ئېھتىياجىنى تېز قاندۇردى. ھەر تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، نۆۋەتتە 14 كارخانا ئېتىبار ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىغا ئېرىشىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرۇلدى، بەش كارخانا ئىناۋەت قەرز پۇلى ياردىمىگە ئېرىشتى.

  شىنجاڭ خۇاشىدەن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە نۇقتىلىق كاپالەت كارخانلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كارخانىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا جىددىي قەرز پۇلىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى يېشىل تەستىقلاش يولى ئارقىلىق بۇ كارخانىغا 20 مىليون يۈەن ئېتىبار ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى تارقاتتى.

  جۇڭگو دورىگەرلىك گۇرۇھى شىنجاڭ تېببي ئۈسكۈنە شىركىتى تېببىي ئۈسكۈنىلەرنى ئاسرايدىغان-رېمونت قىلىدىغان ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە نۇقتىلىق كاپالەت كارخانىلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، 2-ئاينىڭ 14-، 17-كۈنلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ تارماق بانكىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ تارماق بانكىسىنىڭ ئېتىبار ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىغا ئېرىشتى، قەرز پۇل سوممىسى 40 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كارخانىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرۇلدى.

  بۇ قېتىمقى ئېتىبارلىق قەرز پۇلىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى ئاشلىق سېتىۋېلىپ پىششىقلاپ ئىشلەش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ تارماق بانكىسى بۇ كارخانىغا 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 12 مىليون 600 مىڭ يۈەن، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 24 مىليون 950 مىڭ يۈەن قەرز پۇلى تارقىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇردى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە نۇقتىلىق كاپالەت كارخانىلىرى تىزىملىكى تۈزۈمىنى جانلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئاساسلىقى ماسكا، قوغدىنىش كىيىمى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئاشلىق، كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش كاپالىتى ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. نۆۋەتتە شىنجاڭدا بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 26 كارخانا ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، ئىلى، سانجى، بورتالا، ئاقسۇ، بايىنغولىن، خوتەن، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن.

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە نۇقتىلىق كاپالەت كارخانىلىرى تىزىملىكىگە كىرمىگەن كارخانىلارغا قارىتا، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي شۆبە بانكىسى پۇل سىياسىتى قۇرالىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى قايتا قەرز پۇل مەبلىغى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %79.1، يەنى 21 مىليارد 130 مىليون يۈەننى جايلارغا(ئوبلاست، شەھەر)لەرگە چۈشۈرىدىكەن، بولۇپمۇ سانجى، ئاقسۇ، قومۇل قاتارلىق ئالتە جايغا قايتا قەرز پۇلى تەكرار دىسكونت مەبلەغ سوممىسىنى 1 مىليارد 800 مىليون يۈەن كۆپەيتىپ، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كرېدىت تارقىتىش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى