تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

  ئەسلى ماۋزۇ: كارخانىلارنىڭ ساھە ھالقىغان ھەمكارلىقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىكى بوغما ھالەتنى ئۆزگەرتتى، ئۈرۈمچى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ ديېۋاڭ ئىلمە توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئىشچىلار جىددىي ھالدا نۇسخا ئىشلەپ، تىكىپ، ئوراپ قاچىلىماقتا ئىدى...

  يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ماسكا قاتارلىق مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى جىددىي، قىس بولدى، شىنجاڭدىكى كارخانىلار ساھە ھالقىپ ھەمكارلىق ئورناتتى، بەزى كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بەس-بەستە تىپىنى ئۆزگەرتىپ، ماسكا، ئايرىش كىيىمى، مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى، ئۆلچەملىك سېخى يوق كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى ۋە دورا ياساش كارخانىلىرى «قول تۇتۇشتى». بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايون ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، يېشىل تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يولى ئېچىپ، جىددىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ ساھە ھالقىپ بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ديېۋاڭ شىركىتى ئامما ئىشلىتىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا ۋە ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى(شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)نىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ديېۋاڭ شىركىتى شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن.

  ديېۋاڭ شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جيا جىجياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر بىز ھەر كۈنى لېبېيئېر شىركىتىنىڭ 5000 دانە ئامما ئىشلىتىدىغان ماسكا ۋە 300 يۈرۈش ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەملىشىپ، بازار تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتىمىز.

  ئىشچىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىش ئورنىغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ديېۋاڭ شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يەنىمۇ كېڭەيگەن، مۆلچەرلىنىشىچە، كۈنىگە 10 مىڭ ماسكا ۋە 600 يۈرۈش ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن.

  نۆۋەتتە، ديېۋاڭ شىركىتىدىن باشقا، ئۈرۈمچى گۈزەل مەدەنىيەت-سەنئەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئۈرۈمچى رېنئەن تېببىي توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ چىشىن كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇن كارخانىلار لېبېيئېر شىركىتىنىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، ماسكا بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى