تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە كاپالەت بىرىنچى

2-ئاينىڭ 14-كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسى شىڭبو كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئاقما لىنىيەدە ماسكا ئىشلەپچىقارماقتا. شۇ كۈنى، بۇ شىركەت سېتىۋېلىپ كىرگۈزگەن ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئىككىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. جاڭ خۇييۇڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 13-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى لوپ ناھىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تىرانسفورموتورنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

2-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ مېڭنيۇ سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاقما لىنىيەدە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقارماقتا. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ شىركەت سۈت مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش، مال توشۇش قاتارلىقلارغا ماسلاشتۇرۇپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروبسىزلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىپ، بازار تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 10-كۈنى، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى خېڭئەن (سانجى) قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىم تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان قەغەز ئىشلەپچىقارماقتا. خې لۇڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 12-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئىشخىلا بازىرى ئارامەھەللە مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ئەزالىرى-ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ئاممىغا تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلىماقتا. نىياز راخمان فوتوسى

2-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى غالىبىيەت يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى غالىبىيەت يولى مەھەللىسى ياشلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى مەھەللە ئاھالىلىرىگە ۋاكالىتەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئازات يۈسۈپجان فوتوسى

2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىدىكى دېھقانلار ئاقسۇ يىخۇڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆكتات يېتىشتۈرۈش بازىسىدا پەسىلسىز كۆكتات مايسىسى سېتىۋېلىپ، بازارنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. يەن شوۋلىن فوتوسى

2-ئاينىڭ 12-كۈنى، كورلا بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىك خادىملىرى سېختا ئىشچىلارغا تېخنىكىلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈرمەكتە. شۇ كۈنى، كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، بۇ شىركەتنىڭ مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش باشلاندى. ساۋ لى فوتوسى

2-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى بورتالا چېگرا ئىقتىساد ھەمكارلىق رايونى شىنجاڭ بوشېڭ ھاراقچىلىق ئېچىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن دېزىنفېكسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرتنى قاچىلاپ خۇبېي شىيەنگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ بىڭتۇەن 5-شىسى 86-تۇەنىدىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن شېيەن شەھىرىگە ئىئانە قىلغان 450 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشياسى. لۈ شيەنلىن فوتوسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى