تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ئېھتىرام بىلدۈرەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مەھەللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىللەپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش يولىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق مۇداپىئە سېپى قۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بىز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

مەھەللە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى توسۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە سېپى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەھەللىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى توسۇپ زەربە بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنى مەھەللىلەرگە يۈزلەندۈرۈپ، مەھەللىلەرنىڭ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەممە مەھەللىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كۈچلۈك قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى چىڭ ساقلاش ئۈچۈن، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىشنىڭ مۇرەككەپ، قىيىن بولۇشىدىن قورقمىدى. مەھەللىلەرنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالا قويماي رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەرگە ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ماسكا تاقاش، قولنى يۇيۇپ تۇرۇش، يىغىلماسلىقنى تاپىلاشقىچە، ھەيدەكچىلىك قىلىشقىچە؛ مەھەللىلەرنى يېپىق باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش، يۇقۇمنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، «تۆت خىلدىكى كىشىلەر»نى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىشتىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئەخلەتنى تازىلاش، تازىلىق قىلىشقىچە؛ قويۇق ئۇچراشقان كىشىلەرنى ئۆيىدە تېببىي كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ، ئىدىيەۋى خىزمەت ۋە پىسخىك يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەشتىن ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەر خىل كونكرېت، ئىنچىكە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىقلارغىچە كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەجرى ۋە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى، تۆھپىسى ۋە قان - تەرى بەدىلىگە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى. مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇچ كەلگىنى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلە، تۈرلۈك - تۈمەن ئىش، تۈرلۈك - تۈمەن قىيىنچىلىق بولدى، ئۇلار بەدەل تۆلىمىگەن بولسا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلمىگەن بولاتتى.

خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى. «بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئىنتايىن مۇھىم، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك.» «ۋاقتىمنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلە خاتىرجەم بولىدۇ، قانچىلىك بەدەل تۆلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ.» «بىز ھازىر مەھەللىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، دەرۋازىنى چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك!» مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاددىي، سەمىمىي سۆزلىرىدىن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئىبارەت زىممىگە ئېلىش روھى نامايان بولدى. مەھەللە كادىرلىرى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىدىن ئاساسىي قاتلامنىڭ دائىرىلەشتۈرۈشكە مەسئۇل خادىملىرى، مۈلۈك باشقۇرۇش خىزمەتچىلىرى، يەنە زور تۈركۈمدىكى پىدائىيلارغىچە ئۇلارنىڭ كېچىنى - كۈندۈزگە ئۇلاپ، ھاردىم - تالدىم دېمەي، جاپالىق ئىشلىشى بەدىلىگە مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ قەلبى ئىللىدى، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى، ئۇلار ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىش خىسلىتىنى نامايان قىلدى، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى. ئۇلار مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ سىردىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى باشلامچىلار.

ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش، ئۇدا جەڭ قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەربىر تۈرلۈك خىزمەت، ھەربىر ھالقىنى دەل جايىدا ئىشلەپ، مەھەللىنىڭ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ خەلق مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي مۇستەھكەملەشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر تىپلار ۋە ئىلغار ئىش ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، تۇرمۇش، بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنىڭ ھەممىسىنى دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش بولدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئىجابىي نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ تەستە قولغا كەلدى، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى مۇھىم تۆھپە قوشتى. پەقەت مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي ساقلىغاندىلا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى چوقۇم يەنىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، يۇقۇم ۋەزىيىتى چوقۇم يەنىمۇ ياخشىلىنىدۇ. بىز غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

(2 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى