تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يەنە ئىككى ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 14كە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە ئىككى ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئىككىلىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى.

ئىككى ئاغرىقنىڭ بىرى، 56 ياشلىق ئايال ئاغرىق بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بار، بېشى ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكتىن، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئايرىپ داۋالانغان، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان؛ يەنە بىرى، 57 ياشلىق ئايال ئاغرىق بولۇپ، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ۋۇخەندىن شىنجاڭغا تۇغقان يوقلاپ كەلگەن، ۋۇخەندە ئولتۇراقلىشىش تارىخى بولغاچقا، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن، 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان.

بۇ ئىككى ئاغرىق دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى ۋە بېكىتىلگەن قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان دوختۇرخانىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى ئارقىلىق، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورماللىشىپ، ئۇدا ئىككى قېتىم نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىقىپ، ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى(سىناق 5 - نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى)»دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 14كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى