تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭيىچە-غەربچە تېبابەتنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالىشى بېيجىڭدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېڭ ياشيۇڭ خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى جۇڭيىچە-غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بېيجىڭ گۇاڭئەنمېن دوختۇرخانىسىنىڭ دۆلەت تېبابىتى ئۇستازلىرى، جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويدى، بېيجىڭدىكى مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى جۇڭيىچە-غەربچە تېبابەتنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش لايىھەسىگە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، نۆۋەتتىكى شىنجاڭنىڭ قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە رايون بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈپ داۋالاشقا نىسبەتەن تەكلىپ-پىكىر بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ چېڭيۈەن كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، بېيجىڭ گۇاڭئەنمېن دوختۇرخانىسى دۆلەت تېبابىتى ئۇستازى شۆ بوشوۋ ۋە مۇدىر ۋىراچلاردىن ۋاڭ لېي، شۆ يەنشىڭنىڭ شىنجاڭدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىغا كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مۇنازىرىسىگە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭيىچە-غەربچە تېبابەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئاغرىقلارنى داۋالاشتىكى تەپەككۇر يولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ھەمدە بىر قانچە جۇڭيىچە-غەربچە تېبابەت بىرلەشتۈرۈلۈپ پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش لايىھەسىگە كەسپىي جەھەتتىن پىكىر بەرگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ياردەمچىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى شۇ جەنجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ دوختۇرخانا تۇنجى ئاغرىق مىسالىنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغاندىن باشلاپ، جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرى كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشقا قاتنىشىپ، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش پىكىرلىرىنى بەرگەن. نۆۋەتتە، % 90 تىن يۇقىرى ئاغرىققا جۇڭيىچە-غەربچە تېبابەتنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش لايىھەسى قوللىنىلغان. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەل بولغاچقا، ئىشلەتكۈدەك پىشقان تەجرىبە يوق. دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش لايىھەسى چوڭ يۆنىلىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شۇ جاينىڭ كىلىمات، رايون قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش كېرەك. بېيجىڭدىكى جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشتىن قىممەتلىك پىكىرلەرگە ئېرىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى جۇڭيى تېبابىتى بىلەن تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئىقتىدارىمىز ئۆستى. ئاپتونوم رايوندىكى بەلگىلەنگەن يىغىپ داۋالاش دوختۇرخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دوختۇرخانىمىز جۇڭيىچە-غەربچە تېبابەتنى تەڭ قوللىنىشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاغرىقلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى