تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«خوتۇن غەيرەت قىلىڭ، بالىلار بىلەن بىللە سىزنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتىمىز»

 

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ تىڭتىڭ فوتوسى): «سىز قەشقەرنىڭ پەخرى! ئۆزىڭىزنى ياخشى قوغداڭ! باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، سىلەرنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىڭلارنى كۈتىمىز! خوتۇن غەيرەت قىلىڭ، بالىلار بىلەن بىللە سىزنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتىمىز! ۋۇخەن غەيرەت قىل!»

  رەيھانگۈل ھامۇت خىزمەت قىلماقتا.

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، تاھىرجان قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا خۇتۇنىغا بۇ سۆزلەرنى قالدۇرۇپ، خوتۇنىنىڭ ۋاقتى چىققاندا كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. «قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى مەن ئىككىنچى كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئاندىن كۆردۈم، تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكىلى تاسلا قالدىم. بىزنىڭ ۋۇخەندىكى خىزمىتىمىز گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ» دېدى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تاھىرجاننىڭ خوتۇنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسى CCU كېسەلخانىسىنىڭ ئالىي سېستراسى رەيھانگۈل ھامۇت مۇخبىرنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

  رەيھانگۈل ھامۇت بىر ئاغرىقنى پەرۋىش قىلماقتا.

  37 ياشلىق تاھىرجان جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قەشقەر ئۇچاستىكىسى قەشقەر ئۇنىۋېرسال ئاسراش سېخىنىڭ ئاپتوموبىل شوپۇرى بولۇپ، ئىككى ئوغۇلنىڭ دادىسى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش، پەرۋىش قىلىشتا 16 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە رەيھانگۈل بىرىنچى سەپكە بېرىپ، ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملاتتى.

  بۇ چاغدا، تاھىرجان ماددىي ئەشيالارنى توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۇدا نەچچە كۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆيىگە قايتىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغانىدى.

  يولغا چىقىش ئالدىدا، رەيھانگۈل ئىككى ئوغلى ۋە 70 نەچچە ياشلىق ئاتا-ئانىسىنى ئورۇنلاشتۇردى. 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش پەرۋىش شۆبە ئەترىتى ئايرودۇرۇمدا يىغىلغاندا، ئاندىن رەيھانگۈل تاھىرجانغا تېلېفون قىلدى. تايىرجان شۇ چاغدىلا خوتۇنىنىڭ ۋۇخەنگە ياردەمگە بارىدىغانلىقىنى بىلدى، ئۇ ئالدىراپ ئايرودۇرۇمغا كېلىپ، ئايرودۇرۇم ئەتراپىدىن ناندىن 10نى ئېلىپ خوتۇنىغا تۇتقۇزدى. ئۇ خوتۇنى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئايروپىلان ئۇچۇشقا ئازلا قالغانىدى، ئىككىيلەن كۆپ پاراڭلىشىشقا ئۈلگۈرەلمەيلا، رەيھانگۈل يولغا چىقتى.

  «مەن ئۇنىڭ بىرىنچى سەپتە جاپالىق جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن، بەزىدە تېلېفون قىلسام، ئۇ ئىشلەۋاتقاچقا ئالالمايدۇ، شۇڭا مەن ئىزچىل پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭغا ئىلھام ۋە تەسەللىي بېرىشنى ئويلاپ كەلگەن» دېدى تاھىرجان، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا خوتۇنىغا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قالدۇردى. «مەن ئۇنىڭ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇنى ساقلاۋاتىمىز» دېدى تاھىرجان.

  رەيھانگۈل ھامۇت خىزمەتداشلىرى بىلەن غەلىبە قول ئىشارىتىنى چىقىرىپ تۇرۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  تاھىرجان ۋۇخەنگە ياردەم بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خوتۇنىغا سۆز قالدۇرۇپ، ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولغان 2020-يىللىق ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت ئىزھارىنى يوللىدى، ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇۋالغان نۇرغۇن كىشى بۇنىڭدىن تەسىرلەندى، كۆپچىلىك بەس-بەستە سۆز قالدۇرۇپ، رەيھانگۈلگە مەدەت بەردى.

  «ھاياتلىقنىڭ ئۆزىنى تاۋلىنىشتۇر» ناملىق تورداش مۇنداق سۆز قالدۇردى: ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!

  «خۇەنخۇا مىشۆ» ناملىق تورداش مۇنداق سۆز قالدۇردى: غەيرەت قىلىڭ، رەيھانگۈل! يۇرتىمىزدىكى خەلق سىزدىن پەخىرلىنىدۇ، ئىپتىخارلىنىدۇ، گۈزەل قەشقەردە سىزنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىشىڭىزنى كۈتىمىز.

  «تونۇش ۋە ناتونۇش كىشىلەرنىڭ سۆز قالدۇرۇپ، ماڭا ئىلھام بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ داۋالاش خادىملىرىنىڭ كۈچىنى قوشىمەن» دېدى رەيھانگۈل.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى