تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى قاتناش ساقچىلىرى«يۇقۇم»غا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە

يۇقۇم — بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش — مەسئۇلىيەت، پەۋقۇلئاددە مەزگىلـدە، شىنجاڭدىكى قاتناش ساقچىلىرى باشـتىن - ئاخىـر ئىـش ئورنىـدا چىـڭ تـۇرۇپ، يۇقۇمغـا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە قارشى يۆنىلىشتە ئالغا ئىلگىرىلىدى!

بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئۇچۇر تىزىملاش، تەرتىپنى قوغداش . . . 2 - ئاينىـڭ 12 - كۈنى سەھەر سائەت 2 دە، تېمپېراتۇرا ناھايىتى تۆۋەن ئىدى، سانجى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىــسى قاتنــاش ســاقچى چــوڭ ئەترىتىــدىكى خەلــق ســاقچىلىرى S 201 جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكــشۈرۈش پونكىتىــدا داۋالاش خــادىملىرى بىــلەن مەشــنى چۆرىــدەپ بىــر تەرەپتىــن ئىسسىنغاچ، بىر تەرەپتىن بىر كۈنلۈك خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەشتى.

2- ئاينىڭ 11 – كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىـك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىـسى قاتنـاش سـاقچى چـوڭ ئەترىتىنىــڭ خەلــق ســاقچىلىرى شــەھەر رايونىــدىكى مــاددىي ئەشــيا توشــۇيدىغان ئاپتوموبىللارنــى تەكشۈرمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خەن خەيگاڭ فوتوسى

2- ئاينىڭ 11 – كۈنى، قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش ئامانلىق باشقـۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى خۇ گاڭ نۆۋەتچى گۇرۇپپا خـادىـمـلىـرىـنـى بـاشـلاپ، تەۋەلىـك رايوندىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 217 - چازا نۇقتىسىدا كېچە-كۈندۈز چىڭ تۇردى.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چۇ چۈنليەن فوتوسى

2- ئاينىڭ 12 - كۈنى سەھەر سائەت 2 دە، سانجى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىـسى قاتنـاش سـاقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ سـاقچىلىرى S 201 جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكـشۈرۈش پونكىتىـدا، داۋالاش خـادىملىرى بىـلەن مەشـنى چۆرىدەپ بىر تەرەپتىن ئىسسىنغاچ بىر تەرەپتىن بىر كۈنلۈك خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈ خۇي فوتوسى

2- ئاينىڭ 12 - كۈنى، شىخۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكى ئايـال خەلق ساقچىلىرى شەھەر رايونىدا ئۆتكەن - كەچكەن ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چى جيەنشيۇ فوتوسى

2- ئاينىڭ 12 – كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىـڭ خەلـق ساقچىــسى ليــۇ شــىمىن خۇڭچىپــو ئونــسۇ ھەق ئېلىــش پونكىتىــدا يولۇچىلارنــى قاينــاق ســۇ بىــلەن تەمىنلىمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەي زاۋشيا فوتوسى

 2- ئاينىڭ 12 – كۈنى، كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئەرباتەي جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى شوپۇرلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ فېڭ فوتوسى

2- ئاينىڭ 12 – كۈنى، قورغاس شەهەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىـسى قاتنـاش سـاقچى چـوڭ ئەترىتىنىـڭ ساقچىسى ئادىل خالئەكبەر (سولدا) چاقىرغۇچ بىـلەن كوچىـدىكى بىـر قىـسىم يولۇچىلارنـى قايتىـشقا دەۋەت قىلماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ شياڭيۈن فوتوسى

2- ئاينىڭ 13 - كۈنى سـائەت 8 ده، سـانجى شـەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى  ئىدارىـسى قاتنـاش سـاقچى چـوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى سانجى شەھىرى چىفېڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات كاپالەت نۇقتىسىدا ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈ خۇي فوتوسى

«كەينىــدىكى ئاپتومــوبىللار يــول تالاشــماڭلار، كۆپچىلىــك بەدەن تېمپېراتۇرىــسىنى تەكشۈرۈشكە ماسلىشىڭلار!» «ئاپتوموبىلىڭىزنىـڭ نومـۇر تاختىـسى ۋاقىتلىقـكەن، سـىز قەيەردىن كەلـدىڭىز؟ ئاپتوموبىلـنى ئالـدىغا ھەيـدەپ بېرىـڭ، بىـز تىـزىملاپ قويـايلى». «سىلەر ئاپتوموبىل ئەينىكىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇڭلار » ... 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنـى سائەت 8 دە، سانجى شەھىرى چىفېڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق، ياغ، كۆكتـات كاپالەت نۇقتىسىدا، ھەر كۈنى نەچچە يۈز كاپالەتلەندۈرش ماددىي ئەشياسى توشۇيدىغان ئاپتوموبىل بۇ يەرگە كېلىـپ - كېتىـپ تۇرىـدۇ، مـاددىي ئەشـيانىڭ نورمـال توشۇلۇشـىغا كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈش بىخەتەرلىكىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سانجى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى بۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىـش نۇقتىـسى تەسـىس قىلىپ، بۇ يەردە داۋالاش خادىملىرى بىلەن بىللە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى.

2- ئاينىڭ 12 - كۈنى، قورغاس شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىـسى قاتنـاش سـاقچى چـوڭ ئەترىتىنىڭ چارلاش ئاپتوموبىلىدا، خەلق ساقچىـسى ئادىـل خـالئەكبەر چـاقىرغۇچ بىـلەن كوچىدا يۈرگەن قىسمەن يولۇچىلارنى ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىراتتى.

52 ياشلىق ئادىل 20 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېـشقەدەم پـارتىيە ئەزاسـى ، خىزمەت قىلىۋاتقان ئادىلنىڭ ئىش ھەرىكىـتى تولىمـۇ چاققـان ئىـدى. ئادىـل يۇقـۇم يـۈز بەرگەندىن كېيىن، يېــشىنىڭ چــوڭلۇقى، تەن سالامەتلىكىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىگە قارىمــاي، تەشەببۇســكارلىق بىــلەن بىرىنچى سـەپكە بېرىـشنى تەلەپ قىلىـپ، ئالـتە يـاردەمچى سـاقچىنى باشـلاپ چـارلاش –ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئاتلاندى، شەھەرلىك سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە شەھەرگە كىرىش قاتناش مـۇلازىمەت پونكىتىـدا 24 سـائەت بىرلەشـمە ۋەزىـپە ئىجــرا قىلىــش ئەندىزىــسىنى قوللىنىــپ، ســىرتتىن كەلــگەن ئاپتوموبىللارنــى ئىنچىــكە تەكشۈردى ۋە تىزىملىدى. رەھبەرلىك ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا بىرىنچــى ســەپتە ۋەزىــپە ئىجــرا قىلىــشقا قاتناشماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلغاندا، ئادىـل مۇنداق دېدى: « يۇقۇمنىـڭ ئالدىنـى ئېلىش- تىزگىنلەش ھازىر پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، چوقۇم سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك.»

«يېــشىم چوڭىيىــپ قالــدى، ئۇيقۇممــۇ ياخشى  ئەمەس». كېچىــدە نۆۋەتچىلىــك قىلىــش جەريانىــدا، ئادىــل ھەمىــشە ئۆزى كۆپــرەك نۆۋەتچىلىــك قىلىــشنى تەلەپ قىلىــپ، يــاش ساقچىلارنى كۆپرەك ئارام ئېلىشقا ئۈندىدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىر مەيدان كەسكىن جەڭ، بـۇ ئالاھىـدە جەڭ مەيدانىدا، ئونسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش سـاقچى چـوڭ ئەترىتىـدىكى پـارتىيە ئەزالىــرى قىلچە ئىككىلەنمەي، تەشەببۇســكارلىق بىــلەن يۇقــۇم بىرىنچــى ســېپىگە بېرىشنى  تەلەپ قىلىــپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا « يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە   پـارتىيە ئەزالىـرى ئالدىـدا مېڭىـش»توغرىسىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

ساقچى بولغىنىغا 22 يىل بولغان پارتىيەلىك خەلق ساقچىسى ليۇ شىمىن 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بۇيرۇقنى تاپـشۇرۇۋالغاندىن كېيىـن، ئاممىنىـڭ بىـخەتەر سـەپەرگە چىقىـشى ئۈچۈن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سـېپىگە ئاتلىنىـپ، ئۇدا 15 كـۈن ئاپتوموبىــل ئېقىمــى ئەڭ كــۆپ، ئادەم ئەڭ زىــچ، خەۋپ - خەتىــرى ئەڭ چــوڭ بولغــان خۇڭچىپۇ ئونسۇ ھەق ئېلىش پونكىتى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا ئاپتوموبىللارغا قوماندانلىـق قىلىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەشۋىقاتنى ياخشى ئىـشلەپ، ھەر كۈنـى 14 سـائەتتىن ئارتــۇق خىــزمەت قىلــدى. ئاممــا قىيىنچىلىققــا يولۇققانــدا، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى، دائىــم قىزغىنلىــق بىــلەن ئاممىنى يېمەكلىــك ۋە ســۇ بىلەن تەمىنــلەپ، خىزمەتداشــلىرى ۋە ئاممىنىــڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

ليۇ شىمىن مۇنداق دېدى : مەن بىر خەلق ساقچىسى، تېخىمۇ مۇھىمـى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاســى، جاپــا تــارتىش ھېچقــانچە ئىــش ئەمەس، بــۇ ۋاقىتتــا، بىــز تېخىمــۇ بىــر نىيەتــتە ئىتتىپاقلىشىــشىمىز كــېرەك، پــارتىيە مەركىزىــي كومىتېتىنىــڭ رەھبەرلىكــى ۋە پۈتــۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالـدىنى ئېلىـش -تىزگىنلەش ، توسۇپ زەربە بېرىشجېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.

 لى جىنفۇ، يۈ خۇي، بەي زاۋشيا، ليۇ شياڭيۈنلار خەۋىرى

(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى