تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىۋىرغانلىق ۋۇخەندىكى «شىنجاڭ شېرىن تەمى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ۋۇخەندە قار - يامغۇر يېغىپ ۋە بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا بىردىنلا نۆلدىن تۆۋەن ئۈچ سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالدى، مۇشۇنداق پەيتتە، يۇرتىمىز خەلقىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تىلىكى يۈكلەنگەن بىر يۈك ئاپتوموبىلىدىكى 21 توننا ئاقسۇ خۇڭفۇشى ئالمىسى نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلبىنى شېرىن تۇيغۇغا چۆمدۈردى.

2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 15تە، ئۇزۇنلۇقى 13 مېتىر كېلىدىغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى شىنجاڭنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا كېلىپ توختىدى، ئاپتوموبىلغا قاچىلانغىنى شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكىلەر ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ تاللاپ، ئوراپ قاچىلىغان ئاقسۇ ئالمىسى ئىدى، ئارقا سەپ خادىملىرى شىۋىرغانغا قارىماي 21 توننا ئالمىنى بىر يەشىك بىر يەشىكتىن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈردى. نەق مەيداندا قوبۇل قىلىشنى تەشكىللەۋاتقان داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى خۇاڭ لياڭ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «يۇرتىمىزدىكى يۇرتداشلارغا رەھمەت، مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا تۇرۇپ بىزدەك بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپتۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن!»

شۇ كۈنى كەچتە، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى، بىڭتۇەن داۋالاش ئەترىتى ھەمدە شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلاردىكى تېببىي خادىملارنىڭ ھەممىسى مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىن كەلگەن بۇ «شىنجاڭ شېرىن تەمى»نى تاپشۇرۇۋالدى.

«لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان كۈنلەردە، يۇرتىمىز خەلقىنىڭ مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىن ئەۋەتكەن ئالمىسىغا رەھمەت ئېيتىمىز، بەك تاتلىق ئىكەن، بىز ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق، زور ئىلھام ئالدۇق، چوقۇم پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋەزىپىسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملايمىز!» 1 - تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى جوۋ لىنا بىلەن گەي جۈەن ئالمىنى قولىغا ئېلىپ خۇشال يېيىشكە باشلىدى.

ئونسۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن بۇ ئالمىلار شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا يەتكۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىمۇ ھەقىقىي «شىنجاڭ شېرىن تەمى»نى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئاغرىق لىن خانىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بۇ «تاتلىق سوۋغا»نى تاپشۇرۇۋالغاندا، سەل بوغۇلۇپ يىغلىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ۋۇخەنگە ياردەم بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، بىزنىڭ ھاياتىمىزنى قۇتقۇزغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. تېببىي خادىملارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن جاپا چەكتى، ھەر كۈنى بىزگە ئىنچىكە، ئەتراپلىق غەمخورلۇق قىلىدۇ، بۈگۈن يەنە ئاقسۇ ئالمىسى ئېلىپ كەپتۇ، بىز بەكلا تەسىرلەندۇق!»

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى مېھىر - شەپقەت مېۋىسى ئىئانە قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەشكىللەپ، 100 توننىدىن ئارتۇق ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى ئارقا - ئارقىدىن خۇبېينىڭ ۋۇخەن، ئېجوۋ، خۇاڭگاڭ قاتارلىق جايلىرىغا توشۇلغان. شىنجاڭنىڭ شېرىن - شېكەر خاس مېۋىلىرىگە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تىلىكى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ خۇبېي خەلقى بىلەن بىرلىكتە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش ئىشەنچى، ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ