تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساقچى فورمىسى بىلەن ماسكا ئۇلارنىڭ «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدىكى ئائىلىۋى كىيىمى بولۇپ قالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر گەن ۋېن خەۋىرى، فوتوسى): 26 ياشلىق شۈ شىنيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چىماشەن ساقچىخانىسى چىماشەنجۇاڭ ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دادىسى شۈ خۇڭبىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى گاڭچېڭ شۆبە ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى، ئاپىسى فەن چىڭرۇڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى گاڭچېڭ شۆبە ئىدارىسى گاڭنەن ساقچىخانىسىغا قاراشلىق بىر ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى. شۈ شىنيىن دائىم چاقچاق قىلىپ: «ساقچى فورمىسى بىلەن ماسكا ھازىر ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىق ئائىلىۋى كىيىمى بولۇپ قالدى» دەيدۇ.

  گەرچە بىر شەھەردە بولسىمۇ، لېكىن ئۈچەيلەن كۆرۈشمىگىلى 20 نەچچە كۈن بولغانىدى، پەقەت ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن يان تېلېفوندا سىن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ قىسقىغىنە جەم بولاتتى.

بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سىنلىق پاراڭلاشقاندىكى سۈرىتى.

  چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، شۈ شىنيىن خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا يېتىپ-قوپۇپ ئۇدا 20 نەچچە كۈن ئىشلىدى. ئاتا-ئانىسىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئىشلىدى.

  «جاڭ موما، بىز نەرسىلەرنى ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدۇق، يەنە نېمە لازىم بولسا ماڭا دەۋېرىڭ!» 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن، چىماشەن يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكى ئالدىدا، شۈ شىنيىن چارلاش ئەترىتى ئەزالىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىللە، مەھەللىدىكى 80 ياشلىق موماي جاڭ خۇيفاڭغا كۆكتات ئەكىلىپ بەردى.

شۈ شىنيىن تەۋەلىكتىكى ياشانغانلارغا كۆكتات ئاپىرىپ بەردى.

  شۈ شىنيىن كۈندىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى، تەكشۈرۈش، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە كادىرلىرىنى ئىزدەپ، تەۋەلىكىتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى رەتلەپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، جاڭ خۇيفاڭ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

  شۈ شىنيىن بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگىتىپ، يەنە ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، ئاندىن كىچىككىنە ئارام تېپىپ، دەرھال ئاتا-ئانىسى بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى: «دادا، ئاپا  ھەممىڭلار ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر، ئامال بار ۋاقتىدا تاماق يەڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭلار!» گەرچە ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، شۈ شىنيىن ئېكرانغا يۈزلەنگەندە ئامال بار ئازادە كەيپىياتتا پاراڭلىشاتتى، چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانىسىنى ئەنسىرىتىشىنى خالىمايتتى.

  بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەر كۈنى يان تېلېفون ئارقىلىق مۇشۇنداق ئۆز ئارا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر يەرگە كېلىپ، چاغانلىق جەم بولۇش تامىقىنى تولۇقلاپ يېيىشنى، ماسكا تاقىمىغان ھالەتتە ساقچى فورمىسى كىيىپ تۇرۇپ يەنە بىر پارچە كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈشنى ئورتاق كۈتمەكتە ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ