تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

20 كۈن! شىنجاڭ لېبېيئېر شىركىتى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەتتە ھەسسە كېڭەيتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ جياڭيەن، جاۋ چاڭفۇ خەۋىرى، فوتوسى): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، كۆپ تەرەپنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياجى كارخانىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. 20 كۈن ئىچىدە، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەتتە ھەسسە كېڭەيتتى.

  2-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرلار شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالدىراش مەنزىرىنى كۆردى، بىر ئۇزۇن ئۈستەلگە ئامما ئىشلىتىدىغان ماسكا ئېگىز دۆۋىلەپ قويۇلغانىدى، بۇ ماسكىلار پىششىقلاپ ئىشلەش ھاۋالە قىلىنغان جايدىن يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، ئالتە پىدائىي ئالدىراش ھالدا ماسكىلارنى ئوراپ قاچىلاۋاتاتتى.

    «ھازىر، ھاۋالە قىلىنغان تۆت پىششىقلاش كارخانىسى، يەنى ئۈرۈمچى گۈزەل مەدەنىيەت-سەنئەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئۈرۈمچى رېنئەن داۋالاش توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ-توقۇلما پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ چىشىن كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى كارخانىمىزغا ئامما ئىشلىتىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ» دېدى شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جيې مۇخبىرلارغا.

  ئادەم، مەبلەغ، ماددىي ئەشيا جۇغلىنىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشتى

  يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىغان، 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

  ئەسلىدە بۇ كارخانىدا 20 خىزمەتچى بار بولۇپ، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دىكى ئەمدىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان كىچىك، ئۇششاق كارخانا ھېسابلىناتتى. قىسقىغىنە 20 كۈندە كارخانا تېز تەرەققىي قىلدى، خادىم، مەبلەغ، ماددىي ئەشيا تېز جۇغلىنىپ، كارخانىنىڭ تېز ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

  1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىنىڭ 21 نەپەر ئوقۇغۇچىسى كارخانىغا كېلىپ پىدائىي بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن بۇ پىدائىيلار سېپىگە قوشۇلدى، ھازىر 40 پىدائىي زاۋۇت رايونىدا مۇقىم تۇرۇپ ياردەملەشمەكتە.

  ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى قوللىنىشچان قۇرۇلۇش شۆيۈەنى بىناكارلىق قۇرۇلۇش تېخنىكىسى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جوۋ كەيياڭنىڭ كارخانىدا ئىشلەۋاتقىنىغا 18 كۈن بولغان بولۇپ، ماسكا سۈزگۈچى كېسىشنى ئۆگىنىۋالغانىدى، ھازىر ئۇ ھەمراھى بىلەن كۈندە 70-80 مىڭ سۈزگۈچ كېسىدۇ. «دۆلەت خەۋپكە ئۇچرىغاندا، بىز گەرچە تېببىي خادىملارغا ئوخشاش بىرىنچى سەپكە ئاتلىنالمىساقمۇ، بىراق يېڭى دەۋردىكى ئىرادىلىك ياش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جەمئىيەتكە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك» دېدى جوۋ كەيياڭ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ كارخانىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مەبلەغ قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ خام ماتېرىيال سېتىۋېلىشغا مەبلەغ ياردىمى بەردى.

    شىركەت سېتىۋالغان ئىسسىق شامال ئۈسكۈنىسى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېتىپ كەلدى، بۇ ئۈسكۈنە بولسىلا، كارخانا يەنە بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇپ، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى دوختۇرلىرى كېيىدىغان تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلىيەلەيتتى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىغا «يېشىل يول» ئېچىش

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تۆت نەپەر كادىرى كارخانىدا تۇرۇپ، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئۇچرىغان ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ تارماق شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىگە ياردەم بېرىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكىنى مىكروبسىزلاندۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.

    ھازىر، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا ئۈرۈمچى شەھىرى جيېلىكاڭ تېببىي ئەسۋابلار زاۋۇتىغا يۆتكەپ كېلىنىپ مىكروبسىزلاندۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى تەكشۈرۈلىدۇ. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولسا، شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدە تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى دوختۇرلىرىغا تەمىنلىنىدىغان ماسكا بولۇپ قالىدۇ.

    1-ئاينىڭ 26-،31-كۈنلىرى، مۇخبىرلار ئىككى قېتىم بۇ كارخانىغا زىيارەتكە بارغاندا، باش دىرېكتور جاڭ جيې «مەسئۇلىيىتىمنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېگەنىدى.

    «بىز كىچىك، ئۇششاق كارخانا، مەن يالغۇز ماتېرىيال زاكاس قىلىشىم، ئەشيا ئوبوروتى بىلەن ئالاقىلىشىشىم، ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللىشىم كېرەك، شۇڭا بەك ئالدىراش، بەك جىددىي ئۆتۈۋاتىمەن، بەزى ۋاقىتلاردا بىر كۈندە ئاران بىر-ئىككى سائەتلا ئۇخلىيالايمەن؛ ھازىر ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىزنى ياردەم بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم ھەم بەك تەسىرلەندىم» دېدى جاڭ جيې.

  كارخانا ئورۇن تاللاپ، ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت بىناسى قۇرۇشنى پىلانلىدى

  1-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ماسكا ئىشلەپچىقارغاندا، كۈندە ئىشلەپچىقىرىدىغان ماسكا 10 مىڭغا يەتمەيتتى، ھازىر كۈنىگە 70 مىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى، 20 كۈندە ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يەتتە ھەسسە كېڭەيدى.

    «ئىلگىرى لېبېيئېردىن ئىبارەت بىرلا ئورۇندا ماسكا ئىشلەپچىقىرىلاتتى، ھازىر ھاۋالە قىلىنغان تۆت پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى بىلەن بىرلىكتە ئامما ئىشلىتىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقارغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېز كېڭەيدى» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خۇڭجۈن ئىستاتىستىكا قىلىنغان ئۇچۇرلارنى مۇخبىرلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گۈزەل شىركىتى 30 مىڭ ماسكا، 2000 ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقاردى؛ رېنئەن شىركىتى 4000 ماسكا، 200 ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقاردى؛ تىيانشان يۇڭ-توقۇلما شىركىتى 2100 ماسكا، 150 ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقاردى...

  ئىشلەپچىقىرىش يېڭىلا ئەسلىگە كەلگەندە، ئامما ئىشلىتىدىغان ماسكا بىلەن تەمىنلەش جىددىي ھەم كەمچىل بولغاچقا، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ئامما ئىشلىتىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، مەھەللە كومىتېتى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن. «ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، لېبېيئېرنىڭ 100 مىڭ دەرىجىلىك پاكىزلاپ ئىشلەپچىقىرىش سېخى بار، بىز ياخشى ماتېرىيالنى دەل جايىدا ئىشلەتسەك، كارخانا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تېخىمۇ ئالىي دەرىجىلىك ماسكا ۋە مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىپ، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىكى دوختۇر-سېسترالارغا تەمىنلىيەلەيدۇ، ئامما ئىشلىتىدىغان ماسكىنى باشقا كارخانىلارنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىشىگە ھاۋالە قىلساق بولىدۇ» دېدى جاڭ خۇڭجۈن.

  ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جاڭ جيې كارخانىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتنى كۆزدە تۇتۇپ، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى بىر پارچە يەر تاللاپ، ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت بىناسى سېلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ماسكا ۋە مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىىدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پۇل-مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىدە تۇرۇپ، ئۇلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان بولۇپ، كارخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئىشەنچكە تولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى