تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

« ئەڭ گۈزەل قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى» جاڭ لـى: ئوغلۇمنىـڭ تىلىكـى يۈرىكىمنـى ئېرىتىۋەتتى

«ئاپــا، تۇغۇلغــان كۈنىڭىــزگە مۇبــارەك بولــسۇن...» دەن نىئېرنىــڭ ســىندىكى ســەبىي چۈچۈك ئاۋازى جاڭ لىنىڭ يۈرىكىنى ئېرىتىۋەتتى.

2- ئاينىـــڭ 11 - كۈنـــى كەچ سائەت 10 دىن ئاشـقاندا، ئۇدا 14ســائەت خىــزمەت قىلىــپ، تۇرۇشلۇق جايىغـا قايتىـپ كەلـگەن 3 - تۈركۈمدىكـــــى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغـــا يـــاردەم بـــېرىش داۋالاش ئەترىتىنىــڭ ئەزاســى جــاڭ لىنىــڭ بىرىنچــى بولــۇپ قىلغــان ئىــشى، يــان تېلېفونىنى ئېچىپ، ئۈچ ياشلىق ئوغلـى دەن نىئېر بىلەن « ئۆز ئارا ھال–مۇڭ قىلىش» بولدى.

« رەھمەت قوزام، ئاپىڭىزنىڭ سىز ئېيتقان تۇغۇلغـان كـۈن ناخشىـسىنى ئاڭلىغۇسـى بار»، جاڭ لى گەرچە بۈگـۈن ئۆزىنىـڭ تۇغۇلغـان كۈنـى ئەمەسـلىكىنى بىلـسىمۇ، لېكىـن ئوغلى بىردىنبىر ئېيتالايدىغان بۇ ناخشا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل ئاھاڭ ئىدى. دەن نىئېر بۈگۈن دادىـسى بىـلەن بىلـلە سـىزغان رەسـىمنى يـان تېلېفوننىڭ ئاستىغا قويدى، ئۇ رەسىمنى كۆتۈرسە ئاپىسىنىڭ ئانـدىن كۆرەلەيدىغانلىقىنـى بىلمەيتتى، ئۇ بىر سىزىق بىر سىزىقتىن يەنە ئازراق مايماق ئۈچ تـال شـامنىڭ رەسـىمىنى تولۇقلىدى.

جاڭ لىنىڭ ئېرى ياڭ جۈن مۇنداق دېدى : دەن نىئـېر ئاپىـسىنى بەك سـېغىندى، ھەر كۈنى دېرىزە تەكچىسىدە بىنانىڭ ئاستىغا قاراپ، « ئاپا، تېز قايتىپ كېلىـڭ، تـېز قايتىـپ كېلىڭ » دەپ توۋلايدۇ.

جــاڭ لــى ئائىلىــسىدىكىلەر بىــلەن ســىندا كۆرۈشمەكتە.

«بۈگـۈن، مەن ئۇنىڭغـا : ئاپــاڭ قايتىـپ كەلــسە، بىـز ئۇنىڭغـا تــورت سـىزىپ بېرىپ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيلى دېدىم.» دادىسىنىڭ قەغەزگە تورت ۋە شار سـىزغانلىقىنى كـۆرگەن دەن نىئېـر قولىغا قەلەم ئېلىپ تورتنىڭ ئۈسـتىگە ئۈچ تـال كىچىـك تايـاقچە ســىزىپ ئۇنــى پۈۋلىگەنــدەك قىلــدى. «مېنىڭــچە ئۇ چوقــۇم ئاپىــسىغا تۇغۇلغــان كــۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز دەپ چۈشەندى» دېدى ياڭ جۈن.

«بىرىنچــى كۈنــى 20 ســائەت ، ئىككىنچــى كۈنــى 14 ســائەت، بۈگــۈن يەنە 14سائەت....» جاڭ لى مۇنداق دېدى: « سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىغۇم كەلدى». 2- ئاينىــڭ 6 – كۈنــى، ئاپتونــوم رايونلــۇق خەلــق دوختۇرخانىــسى مەركىزىــي ئوپېراتسىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن سېسترالار باشلىقى جاڭ لى 3 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋە شۇ تۈركۈمـدىكى 140 نەچـچە « ئاق خالاتلىق جەڭچى »نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋۇخەنگە يېتىپ كېلىپ، ۋۇخەن داشۆسـى خەلـــق دوختۇرخانىـــسىنىڭ شــەرقىي دوختۇرخانىـــسىغا كىرىـــپ قۇتقـــۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە قاتناشتى.

خۇبېيغـــــا بېرىـــــشتىن بــۇرۇن، جــاڭ لــى (ئوڭــدا) ئائىلىــــسىدىكىلەر بىــــلەن خوشلاشماقتا (2 - ئاينىـڭ 6 - كۈنى تارتىلغان).

«بىزنىڭ كېسەلخانا رايونىدىكى ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر ئاغـرىقلار بولغاچقا، جاراھەتسىز نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىلىدۇ، نۇرغۇنلىرى كارىۋاتتىن چۈشەلمەيدۇ، ئاغـرىقلاردا يەنە كـۆرپە يارىـسى كۆرۈلىـدۇ، بـۇ، بىـز پەرۋىـش خادىملىرىنىڭ كۆڭۈل قويـۇپ خەۋەر ئېلىـشىغا تېخىمـۇ موھتـاج .» 15 - كېـسەلخانا رايونىنىڭ سېسترالار باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ لى كېـسەلخانا رايونىغـا كىرىـپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، ماتېرىيال، ماددىي ئەشيالارنى تولۇقلاشـقا توغـرا كېلىـدىغان -كەلمەيدىغانلىقىنى خاتىرىلىشى، ۋاقتىـدا يۇقىرىغـا مەلـۇم قىلىـشى، مـاددىي ئەشـيالارنى ئېلىشى كېرەك. ئۇ يەنە كەچلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، سەككىز گۇرۇپپىـدىكى 40 نەچـچە سېسترانىڭ ھەر قايسى ئىسمىنىلاردىكى مەسئۇلىيىتىنى رەتلەپ چىقىـشى، ئەڭ مۇھىمـى ھەر بىر رايونـدىكى خادىملارنىـڭ مـۇداپىئە كىيىمـى كىيىـش-سـېلىش جەريـانىنى چوقـۇم ئىنچىكە، يەنىمۇ ئىنچىكە كۆزىتىشى كېرەك.

بىز ئۈنۈمنى ئۆستۈردۇق، مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىشكە 25 مىنۇت كېتىدۇ، مۇداپىـئە كىيىمىنى سېلىۋېتىشكە 30 مىنـۇت كېتىـدۇ. «كىيگەنـدە يوچـۇق قالـدۇرۇش بىـر ئۈلـۈش خەۋپتىن دېرەك بېرىدۇ ، سالغاندا ۋىرۇسنى ئېلىپ چىقىپ كەتسەك، ئۇنىڭ خەۋپى تېخىمـۇ چوڭ ». ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ تارماق ئەترەت سان –ساناقسىز قېتىم بۇ جەرياننى مەشـىق قىلغان، بىراق ئىنتايىن ئىنچىكە جـاڭ لـى يەنىـلا خـاتىرجەم بولالمـاي، كىرىـپ – چىققـان بارلىق كىشىلەرنى چوقۇم كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزىدىكەن.

«ئايرىۋېتىش تەلەپ قىلىنغاچقا، ئىشچىلار كىرسە بولمايدۇ، بارلىق ئەسـۋاب، ماددىـي ئەشــيا قاتــارلىقلارنى ئۆزىمىــز كۆتــۈرۈپ يۆتكىــشىمىز كــېرەك، خىــزمەت مىقدارىنىــڭ قانچىلىكلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز، لېكىن ئاستا ــ ئاسـتا ئىزىغـا سېلىۋالـساق ياخـشى بولۇپ كېتىدۇ»دېدى جاڭ لى ئۆز ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ.

«لى لى، ۋۇخەن تەرەپ سـوغۇق، قېلىـنراق كىيىنىـڭ»، ئېرىنىـڭ سـىندا ئامراقلىـق قىلىپ ئېيتقان سۆزى جاڭ لىنىـڭ كـۆز چانـاقلىرىنى قىزارتـتى.

2- ئاينىـــــڭ 11-كۈنى، جاڭ لىنىڭ ئېـرى يــــاڭ جــــۈن ئوغلــــى دەن نىئــېر بىــلەن بىلــلە ئۇنىڭغا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى تەييارلىدى .

« لــى لــى، بىــز ئۆيــدىكىلەر ھەممىمىــز ســىزنىڭ قــارارىڭىزنى قوللايمىــز، ســىز ئۇ يەردە ۋۇخەندىكى قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىپ يۇقۇمنى يېڭىش بىلەن تەڭ، ئۆزىڭىزنى ئاسـراڭ، بىز سىزنىڭ ئامان - ئېسەن قايتىپ كېلىـشىڭىزنى كۈتىمىـز. ئۆيـدىكىلەرنىڭ ھەممىـسىنى ماڭا تاپشۇرۇڭ، سىز خاتىرجەم بولۇڭ. غەيرەت قىلىڭ ! » دېدى ياڭ جۈن مۇشـتىنى چىڭ تۈگۈپ.

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋىرى، شەن كۈن فوتوسى

(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى