تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئايال قاتناش ساقچىسى ھوشىدىن كەتتى، كامېرا بۇ كۆرۈنۈشنى خاتىرىلىۋالدى

    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، قاغىلىق ناھىيەلىـك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىـسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ 24 ياشلىق ئايال خەلـق ساقچىـسى تۇرسـۇنئاي مەمەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، بىرىنچـى سەپتىكى تەكـشۈرۈش نۇقتىـسىغا بېرىـپ ۋەزىپە ئىجرا قىلدى، ھەر كۈنى دەم ئالماي 16 سائەت، ئۇدا 20 كۈن يۇقىرى سـىجىللىقتا خىزمەت قىلغاچقا، ئۇ تۇيۇقسىز ھوشـىدىن كەتـتى، لېكىـن دوختۇرخانـا يۈرەك مۇسكۇلىغا جىددىـي خاراكتېرلىك قان يېتىشمەسلىك، دەپ دىياگنوز قويغاندا، ئۇ دوختۇرغا مۇنــداق دېــدى: «مەن دوختۇرخانىــدىن چىقىــمەن، مەن پــارتىيە ئەزاســى، باشقىلارنىڭ ماڭا ۋاكالىتەن ئىشلىشىنى خالىمەيمەن».

    2-ئاينىڭ 12- كۈنى، تۇرسۇنئاي تەۋەلىك رايونىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىـش نۇقتىـسىدا ئاپتوموبىللارنـــى تەكـــشۈرۈش، دېزىنفېكـــسىيەلەش، بەدەن تېمپېراتۇرىـــسىنى ئۆلـــچەش قاتارلىق خىزمەتلەرنـى قانـات يايـدۇردى. چۈشـتىن بـۇرۇن سـائەت 12دە، ئۇ تۇيۇقـسىز بىئارام بولۇۋاتقاندەك ھېس قىلدى، بىللە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئايـال دوختـۇر ئۇنىـڭ رەڭگى-رويىنىـڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن سورىغاندا، ئۇ ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى ئېيتتى، تەخمىنەن 10 مىنـۇتتىن كېيىـن، تۇرسۇنئاي ھوشـىدىن كەتـتى، دوختـۇر ۋە خىزمەتداشـلىرىنىڭ ياردىمىـدە، ئۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى. دوختۇرلارنىڭ قۇتقۇزۇشى بىلەن، تۇرسۇنئاينىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى.

   تۇرسۇنئاي مەمەت بىر ياش پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، يۇقۇمنىـڭ ئالدىنـى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىـتى يېڭىـدىن باشـلانغاندا، ئۇ تەشەببۇسـكارلىق بىـلەن تەلەپ قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئەڭ جاپالىق ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىـش ئورنىغـا كېلىــپ، قــاغىلىق نــاھىيە بازىرىغــا كىرىــپ-چىقىــدىغان ئاپتوموبىللارنــى تەكــشۈرۈش، دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ھەر كۈنـى 16 سائەت ۋەزىپە ئىجرا قىلدى. تۇرسـۇنئاينىڭ  ئېـرى مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇپ، ئوخشاشـلا يۇقۇمنىـڭ ئالـدىنى ئېلىـش-تىـزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى ئاساسىي قوشۇن ئىدى.

خەن جىن، چۇ ۋېيجيەن خەۋىرى

(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ