تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئىشلەنگەن مۇداپىئە كىيىمى ئارقا - ئارقىدىن«يۇقۇم» غا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىگە توشۇلدى

كارخانىلار كېچە - كۈندۈز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ سۈرئەتنى تېزلەتتى

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئۈرۈمچى - سانجى تاشيولىنىڭ يېنىدىكى شىنجاڭ «فاڭتىڭ» ئىلمە توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «فاڭتىڭ» ئىلمە توقۇمىچىلىق زاۋۇتى دېيىلىدۇ) نىڭ كىيىم تىكىش سېخىغا كىرگەندە، ماسكا تاقىۋالغان، مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن ئىشچىلار كېسىش، تىكىش، ئوراپ - قاچىلاش قاتارلىق ئاقما لىنىيىلەردە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ پۈتۈن دىققەتتە چىۋەر بىر جۈپ قولى بىلەن مەشغۇلات قىلىشى ئاستىدا، يۈرۈش - يۈرۈش مۇداپىئە كىيىملىرى تەييار بولۇۋاتاتتى.

«1 - تۈركۈمدىكى مۇداپىئە كىيىمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزۈلدى، 36 سائەتتە بىز سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ 2150 يۈرۈشنى ئىشلەپچىقاردۇق... ھازىر كۆپچىلىك كېيىنكى تۈركۈمنى ئىشلەپچىقىرىشقا تۇتۇش قىلدى» دېدى فاڭتىڭ ئىلمە توقۇمىچىلىق زاۋۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش مۇدىر، باش دىرېكتور دىڭ لىنشى.

« بىرىنچى سەپ مۇداپىئە كىيىمىگە ئېھتىياجلىق، مەن يېتىپ كەلدىم»

2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - زەربە بېرىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12 - شى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇيرۇق بېرىپ، فاڭتىڭ ئىلمە توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدىن دۆلەتنىڭ سەھىيە - داۋالاش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركەتلىرى بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ 30 مىڭ يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

«قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بىز تېخنىك خادىملارنى نۇقتىلىق ھەمكارلىشىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىگە مۇداپىئە كىيىمىنىڭ نۇسخىسىنى تىكىشنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتۇق، بىز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشقا مەسئۇل بولدۇق، قارشى تەرەپ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان توقۇلمىسىز رەخت بىلەن تەمىنلەشكە، دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە توشۇشقا مەسئۇل بولدى. ئىشلەپچىقىرىلغان مۇداپىئە كىيىمى ۋوگزال، ئاپتوموبىل بېكىتى، ئايرودۇرۇم، تاشيول تەكشۈرۈش پونكىتى، مەھەللە قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرگە تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ» دېدى دىڭ لىنشى.

«كىيىم نۇسخىسىنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، بىز ئۈندىدار توپىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كۆپچىلىكنى ئىش ئورنىغا قايتىشقا چاقىردۇق» دېدى فاڭتىڭ ئىلمە توقۇمىچىلىق زاۋۇتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، زاۋۇت باشلىقى جاۋ ئەيلىڭ، ئويلىمىغان يەردىن، خىزمەتچىلەر بۇنىڭغا ناھايىتى ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، «مەن ھازىرلا قايتىپ كېتىمەن»،«سىزنىڭ چاقىرىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرغان» ،«ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىمەن»...

« بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرىنىڭ مۇداپىئە كىيىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، مەن يېتىپ كەلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدىغان يەنە نۇرغۇن پۇرسەت كېلىدۇ.» بۇ ئايدا پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا توشقان سۇڭ شياۋلى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋېلىپلا زاۋۇتقا قايتىپ كەلدى.

« ئادەمنىڭ يېتىشمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، مەن نېمە قىلالىسام شۇنى قىلىمەن.» رېمونتچى لۇ جيەنپىڭنىڭ ئاددىي -ساددا سۆزى ئىشچىلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى.

2 - ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 16 دە، شىركەتتىكى 100 گە يېقىن كىشى ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا چۈشتى، ئىش ئورنىغا چىقىش نىسبىتى % 80 كە يەتتى.

ئىشلەپچىقىرىش ۋە شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سېخ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلىدى. ۋاقتى ۋاقتىدا سېخنى دېزىنفېكسىيە قىلدى، ئىشچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ماسكا قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى تارقىتىپ بەردى. «دەسلەپتە، بىزمۇ بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش قىيىنچىلىقىغا يولۇقتۇق، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، ھۈنەر سەنئەت تەرتىپى تەڭشەشكە موھتاج، لېكىن بارلىق ئىش ئورۇنلىرى ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، يېرىم كۈندە 100دىن ئارتۇق ئۈسكۈنىنى سىناپ تەڭشەپ چىقتۇق»دېدى دىڭ لىنشى. شۇ كۈنى سائەت 20 دە، ئۈسكۈنىلەر تەڭشىلىپ بولغاندىن كېيىن، تىككۈچىلىك سېخىنىڭ ئاقما لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەشغۇلات سۇپىسىدا قەغەز تاختا ياساش، كېسىش، تىككۈچىلىك قىلىشقا باشلىدى. دىڭ لىنشىمۇ ئوراش - قاچىلاش قوشۇنىغا قوشۇلدى.

2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئەتىگەندە، ئىشلەپچىقىرىشتىن تاماملانغىچە، 36 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى 2150 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمى ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىگە دېزىنفېكسىيە قىلىشقا، ئوراش - قاچىلاشقا ئەۋەتىلدى، ئارقىدىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە توشۇلدى.

«بىز ھەر كۈنى 2000 يۈرۈشنى ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى بېكىتتۇق، بۇ ئىشچىلارنىڭ ھەر كۈنى 12 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كۆپچىلىك يەنە ئازراق چىدىۋەتسەك، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز، دېيىشتى» دېدى دىڭ لىنشى.

فاڭتىڭ ئىلمە توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا ئوخشاش جىددىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەنلەردىن يەنە شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىمۇ بار.

«2-ئاينىڭ 3 ـ كۈنى بىز ئىشلەپچىقارغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 1173 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزۈلدى، ھازىر، كۆپچىلىك ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 972 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمىنى جىددىي تىكىۋاتىدۇ» دېدى شىركەت پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇي تونۇشتۇرۇپ.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا پەن - تېخنىكا باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تازىلاش سېخىدا، ئىشچىلار ئۇدا يېرىم ئاي ئاقما لىنىيە بويىچە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ياساشتا چىڭ تۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى دەرھال داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا مەھسۇلاتلىرىنى رويخەتكە ئېلىپ ئەنگە ئالدۇرغان، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان، يەتتە كارخانا يېشىل يول ئارقىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى