تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭلىق ئانا-بالا 8000 چاقىرىم ئارىلىقتا «مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلدى»

 

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمىڭ خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن): 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 21:00 ئەتراپىدا، كەنت دوختۇرى ما سۇپىڭ ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى بىرەيلەننى تەكشۈرۈپ بولۇپ ئۆيىگە قايتتى.

    ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، قورسىقىغا ئازراق تاماق يەۋېلىپلا، ۋۇخەندىكى قىزى خۇ يانەنگە تېلىفون قىلدى: يانەن، ھاردىڭىزمۇ، مۇداپىئە تەدبىرىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ...

    ما سۇپىڭ بۇ يىل 53 ياشقا كىردى، ئۇ 1990-يىلىدىن باشلاپ شىخۇ شەھىرىنىڭ جياخېزى يېزىسى كۇيخې كەنتىدە كەنت دوختۇرى بولۇپ، ھازىرغىچە ئىزچىل 30 نەچچە يىل ئىشلىدى. 30 نەچچە يىل جەريانىدا، مەيلى بوران چىقسۇن ياكى يامغۇر ياغسۇن، پەقەت ئاغرىق بىر تېلېفون قىلسىلا، ئۇ دەرھال يېتىپ باراتتى.

    1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، ما سۇپىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى خالىغان چاغدا تېپىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاساسەن شىپاخانىدا تۇردى.

    ما سۇپىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:00دە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئادەتلەنگىنى بويىچە تېرمومېتىر، ئۇچۇر خاتىرىلەش دەپتىرى قاتارلىق بۇيۇملارنى تەكشۈرەتتى.

    ئارقىدىنلا ئايرىش كىيىمى، ماسكا ۋە بۆك كىيىپ، داۋالاش ساندۇقىنى يۈدۈپ، ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقاتتى. يېقىنقى 20 كۈندىن بۇيان، ئۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 40 نەچچە ئائىلە، 150 نەچچە كەنت ئاھالىسىنڭ ئائىلىسىگە كىرىپ زىيارەت قىلدى. بىر نەچچە كۈندىلا ما سۇپىڭنىڭ پۇتى ئىششىپ كەتتى.

    «ھازىر كەنتىمىزدە 485 ئاھالە بار، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆت قېتىم ئۆلچەپ بولدۇق. ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن 22 ئائىلىدىكى ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان 73 ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئىككى قېتىم ئۆلچەيمىز» دېدى ما سۇپىڭ. يېزىلىق شىپاخانا يەنە بەش تېببىي خادىمنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى.

    «ئاھالە كۆپ بولغاچقا بىز يىتىشىپ بولالماي، بىرىمىز 5-6 تېرمومېتىرنى ئېلىپ بىرلا ۋاقىتتا ئۆلچەيمىز، بەزى ئايرىۋېتىلمىگەن كەنت ئاھالىلىرى ئاكتىپلىق بىلەن ئۈندىدارىمنى قوشۇۋېلىپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ ماڭا ئەۋەتىپ بېرىدۇ» دېدى ما سۇپىڭ. ئەتىگەندە تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەپ بولۇپ شىپاخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرگىچە، چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالاتتى.

    بىر پارچە نان، ئۆزى پىشۇرغان بىر نەچچە تال ماخۇا دائىم دېگۈدەك ما سۇپىڭنىڭ چۈشلۈك تامىقى بولاتتى. «كەنتتە پەقەت مەن بىرلا كەنت دوختۇرى بار، مەن كەنتنىڭ ئەھۋالىغىمۇ پىششىق، مەن جاپانى جىقراق تارتسام، ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» دېدى ما سۇپىڭ.

    «ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتى جىددىي، ما سۇپىڭ كەنتىمىزنىڭ ساغلاملىق قوغدىغۇچىسى، ھەر كۈنى ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسەك، بىزمۇ خاتىرجەم بولىمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى لى يوۋمېي. ئۇنىڭ قىزى شىنجاڭ سىرتىدىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتاتتى، ئۇنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى ئىدى، سىرتقا چىقىپ دورا سېتىۋېلىش ئەپسىز بولغاچقا، ما سۇپىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بېرەتتى.

   بىر كۈن ئالدىراش يۈرگەن ما سۇپىڭنىڭ ئەڭ قىيالمايدىغىنى ۋۇخەندىكى قىزى خۇ يانەن ئىدى.

  26 ياشلىق خۇ يانەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمىنىڭ سېستراسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىن تۇنجى تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەمگە ئەۋەتىلگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى، 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانا رايونىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە ئېغىر كېسەللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى.

    2-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يان تېلېفونى ئىزچىل ئېتىك ھالەتتە تۇردى، كەچ سائەت 10:00 بولغاندا، ئاندىن خۇ يانەننىڭ تېلېفونى ئۇلاندى، تېلېفوندا ئۇنىڭ ئاۋازىدىن قاتتىق چارچىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

  «ئېنىق ئېسىمدە، 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاپام ئۈرۈمچىگە كېلىپ مەن بىلەن چاغان ئۆتكۈزمەكچى بولغانىدى، تاماق يەۋېتىپ، مەن خىزمەت ئۈندىدار توپىمىزدىن داۋالاش ئەترىتىگە تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆردۈم، شۇنىڭ بىلەن ئاپامغا ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم، ئاپام شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا مېنى تىزىملىتىشقا ئالدىراتتى.» شۇ ۋاقىتتا ئۇ ھەيران قالغانىدى، ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى شۇنچىلىك قوللايدىغىنىنى ئويلىمىغانىدى.

    «ئاپام شۇ ۋاقىتتا <سىز بىر پارتىيە ئەزاسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېببىي خادىم، سىزگە ئېھتىياجلىق چاغدا مەيدانغا چىقىشىڭىز كېرەك> دېگەنىدى» دېدى خۇ يانەن.

    «مەن ۋۇخەنگە يېڭى كەلگەندە سەل قورقتۇم، ھازىر 19 كۈن بولدى، ئاللىقاچان قورقماس بولدۇم، پەقەت پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قولۇمدىكى خىزمەتنى ياخشى قىلىشنىلا ئويلايمەن» دېدى خۇ يانەن.

    بارلىق ئانىلارغا ئوخشاشلا، ما سۇپىڭ قىزىغا ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

    «نېمىشقا ئىچىم ئاغرىمايدۇ؟ مەن ئۇنىڭغا ھەر كۈنى تىنچ-ئامانلىق يەتكۈزۈپ تۇرۇشنى، ۋاقتىدا تاماق يېيىشنى ئېيىتىمەن، ئۇ دائىم <ئالاقىلىشاممىساممۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ، خىزمەت ۋاقتىمىز مۇقىم ئەمەس، يان تېلېفوننى ئىشكاپتا ساقلاپ قويىمىز> دەيدۇ» دېدى ما سۇپىڭ.

  مۇخبىر خۇ يانەننىڭ بىرىنچى سەپتىكى خىزمەت سۈرىتىنى ما سۇپىڭغا ئەۋەتىپ بەرگەندە، كۆز ئاسراش ئەينىكى بېسىۋەرگەچكە قىزىنىڭ يۈزىگە قاپارتما چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ما سۇپىڭ ئىچ ئاغرىتىپ يىغلاپ كەتتى.

  بىر ئازدىن كېيىن ما سۇپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇ مېنىڭ ياخشى بالام، ۋەتەن ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇ دۆلەتنىڭ بالىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى