تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەھەللە خەلق ساقچىسى ۋاڭ يۈشياڭ: كۆكتات سېتىۋېلىشتىن ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىشقىچە، ئاھالىلەرنىڭ ياخشى سىردىشى بولۇش

   «ۋاڭ ساقچى، يەنە كۆكتات ئالغىلى كەلدىڭىزمۇ !» 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى جىجېن كوچىسىدىكى بىر كۆكتات سېتىش دۇكىنىدا، دۇكان ئىگىسى بىلەن مەھەللە خەلق ساقچىسى ۋاڭ يۈشياڭ سالاملاشتى. ۋاڭ يۈشياڭ سوغۇق ساقلاش ساندۇقىدىن كۆكتات تاللاشقا باشلىدى . 
   ئىلگىرىكى ۋاڭ يۈشياڭ تىپىك ئۆي ئىشىنى بىلمەيدىغان ئەر ئىدى، خىزمەتكە يېڭى قاتناشقىنىدا، يوۋبەيسەي بىلەن شاڭخەيچىڭنى پەرقلەندۈرەلمەيتتى، بۈگۈنكى كۈندە كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندى، شۇنداقلا تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سىردىشىغا ئايلاندى . 
       بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن ۋاڭ يۈشياڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىدۇڭ شۆبە ئىدارىسى لۇساۋگۇ ساقچىخانىسى جىجېن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ خەلق ساقچىسى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياخشى تاللىغاندىن كېيىن، ۋاڭ يۈشياڭ شياۋ موماينىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى . 
    شياۋ موماي تەۋەلىكتىكى تەنھا ياشانغان كىشى بولۇپ، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن ئىدى، پەرزەنتلىرى يىل بويى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، ئۇ ئۆيىنىڭ يېنىدا بىر كىچىك دۇكان ئېچىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، يېتىپ - قوپۇشىمۇ دۇكان ئىچىدە ئىدى . 
    يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تەلەپ بويىچە  تەۋەلىك رايوندىكى دوكانلار چوقۇم مۇداپىئە - دېزىنفېكسىيە قىلىشتىن كېيىن ئاندىن نورمال تىجارەت قىلالايتتى. 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ۋاڭ يۈشياڭ تەۋەلىك رايوندىكى دۇكان، تاللا بازىرى، دورىخانىلارنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە، جىجېن كوچىسى مەھەللىسىدىكى شياۋ موماينىڭ « ئۇنىۋېرسال كىچىك ماگىزىن»دا ھېچقانداق مۇداپىئە تەدبىرى قوللانمىغانلىقىنى، ناھايىتى زور يوشۇرۇن خەۋپنىڭ بارلىقىنى بايقىدى . 
     ۋاڭ يۈشياڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتىنى شياۋ مومايغا يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇم تەلەپ بويىچە دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن نورمال تىجارەت قىلالايدىغانلىقىنى تاپىلىدى . 
     2- ئاينىڭ 7 - كۈنى، ۋاڭ يۈشياڭ يەنە بىر قېتىم قايتما زىيارەت قىلغاندا، دۇكاننىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ئۇ شۇ ھامان شياۋ مومايغا خىزمەت ئىشلەپ دۇكاننى تاقىدى، گەرچە شياۋ موماي دۇكاننى تاقىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە ئاغرىندى. 
    ۋاڭ يۈشياڭنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى، كىچىك دۇكان شياۋ موماينىڭ بارلىقى بولۇپ،ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ مېڭىشىمۇ قولايسىز بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشى قىيىن ئىدى.
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر كۈنى شياۋ موماينىڭ دۇكىنىغا بېرىپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنىڭ تۇرمۇش قولايسىزلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى، سۇ تۇرۇبىسى ئېقىپ قالسا، سايمانلارنى ئېلىپ چىقىپ، سۇ ئاققان جاينى ئوڭشىدى؛ قانداق كۆكتات كەم بولسا ، شۇ كۆكتاتنى سېتىۋېلىپ، شياۋ موماينىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى، ھەر قېتىم بارغىنىدا، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. 
    ۋاڭ يۈشياڭ ناھايىتى تېزلا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شياۋ موماينىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە چۈشىنىشىگە ئېرىشتى، تەۋەلىك رايوندىكى ئاممىنىڭ ماختىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەۋەلىك رايوندىكى ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر جايغىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە يېتەكلىدى.  


      چېن زېخۇا، جۇڭ خۇلار خەۋىرى
(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى