تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ لياڭ خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋۇخەن شەھىرىدە شىۋىرغان چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تىلەكلىرى سىڭگەن ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 15 تە، 13 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ توختىدى، ئاپتوموبىلغا شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ تاللاپ ئوراپ قاچىلىغان ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى قاچىلانغان بولۇپ، ئارقا سەپ خادىملىرى شىۋىرغانغا قارىماي 21 توننا ئالمىنى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى تۇرۇشلۇق جايغا يۆتكەپ كىردى. نەق مەيداندا تاپشۇرۇۋېلىشقا تەشكىللىگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئالاقىلاشقۇچىسى خۇاڭ لياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يىراقتا تۇرۇپ بىرىنچى سەپتىكى ئاق خالاتلىق جەڭچىلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەن يۇرتداشلارغا رەھمەت!»
شۇ كۈنى كەچتە، شىنجاڭنىڭ ئۈچ تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى، بىڭتۇەن داۋالاش ئەترىتى ۋە خۇبېيدىكى قىسمەن تېببىي خادىملار ئاقسۇنىڭ بىڭتاڭشىن ئالمىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
شىنجاڭدىن ئېلىپ كېلىنگەن بۇ ئالما تېببىي خادىملاردىن باشقا يەنە ئايرىپ داۋالىنىۋاتقان ئاغرىقلارغىمۇ تارقىتىپ بېرىلدى. ئاغرىق لىن خانىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بۇ «تاتلىق سوۋغات» نى تاپشۇرۇۋالغاندا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ بۇ قېتىم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىپ، ھاياتىمىزنى قۇتقۇزغىنىغا رەھمەت. تېببىي خادىملار بەكلا جاپا تارتتى، ھەركۈنى بىزگە ھەر جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلدى، بۈگۈن يەنە شىنجاڭنىڭ بىڭتاڭشىن ئالمىسىنى ئەكىلىپ بەردى، بۇنىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەندۇق!»
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا، شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش مېۋىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە توشۇلغان بولۇپ، ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى ئارقا-ئارقىدىن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن، ئېجوۋ، خۇاڭگاڭ قاتارلىق جايلىرىغا يەتكۈزۈلىدىكەن.