تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە مۇداپىئە ماسكىسى ئىئانە قىلدى

  سانجى گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن ياڭ، جاڭ ۋېنجۈن خەۋىرى) يېقىندا، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ تۆت تارماق رايونى، ساقچىخانا، شەھەر مەمۇرىيىتى مەركىزى ۋە ھەر قايسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىلىرىدا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى خادىملار بىر تۈركۈم يېڭى مۇداپىئە ماسكىسىنى تاپشۇرۋالدى.

  سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بارغانسېرى ئىنچىكىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدىكى ئەيۋېيچۈن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى دەرھال ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن مەنبە ئىزدەپ، ئاخىرى جېڭجوۋ شەھىرىدىن بىر تۈركۈم مۇداپىئە ماسكىسى سېتىۋالدى. 2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال بۇ ماسكىلارنىڭ ھەممىسىنى سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق شىتابىغا ئىئانە قىلدى، قوماندانلىق شىتابى ئۇنى بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قولىغا بىر تۇتاش تارقىتىپ بەردى.

  يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىلار جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى بەس-بەستە زىممىسىگە ئالدى، نۇرغۇن كارخانىلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى، ئۆزىنىڭ كۈچىنى قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى