تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭغا چېتىلىدىغان نۇقتىلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

  خەلق گېزىتى ئابونىچىلار تېرمىنالى شىنجاڭ قانىلى (مۇخبىرلار ۋاڭ لىنا، ليۇ چاڭ، يەن يۈشېڭ خەۋىرى): جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، ئاساسلىق بازارلارنىڭ تىرانسپورت كۈچى سېلىنمىسىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى كۈنىگە ئىككى نۆۋەت قاتنايدۇ؛ ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇ، نەنجىڭ، خاڭجوۋ، شىئەن، جېڭجوۋ، چۇڭچىڭ، شېنجېن قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ.

  شىنجاڭ ئىچى بازىرىغا نىسبەتەن، ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجىغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى كۈنىگە بىر نۆۋەت قاتنايدۇ؛ ئۈرۈمچىدىن كۇچاغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھەپتىدە تۆت نۆۋەت قاتنايدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، كېيىنكى باسقۇچتا كۈندىلىك ئىجرا قىلىنىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى نۆۋەتتىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇۋاپىق تىرانسپورت كاپالىتىگە ئىگە قىلىنىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن كېيىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە بازار ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، توشۇش كۈچىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىشلەپچىقىرىشتا ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ