تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پوچتىسى يۇقۇم مەزگىلىدىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى

جۇڭگو پوچتىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) خۇيشەن كوچىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرى ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى مال تاپشۇرۇۋالغۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرمەكتە (2-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتى مۇلازىمەت مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، جەمئىي 80 دىن ئارتۇق يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى، 340 تىن ئارتۇق يەتكۈزگۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىتاب، دورا قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئۈرۈمچى «كەل بازار» تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتىدا، جۇڭگو پوچتىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) خۇيشەن كوچىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرى كۆكتاتلارنى ئايرىپ يەتكۈزۈپ بەرمەكتە (2-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

كەچ سائەت 9 دا، جۇڭگو پوچتىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) خۇيشەن كوچىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرى مال يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېتىۋاتماقتا (2-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ئۈرۈمچى «كەل بازار» تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتىدا، جۇڭگو پوچتىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) خۇيشەن كوچىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرى يەتكۈزىدىغان كۆكتاتلارنى سېلىشتۇرماقتا (2-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو پوچتىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) خۇيشەن كوچىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرى يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا (2-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

جۇڭگو پوچتىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) خۇيشەن كوچىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرى ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ مالنى ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇرماقتا (2-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ئۈرۈمچى «كەل بازار» تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتىدا، جۇڭگو پوچتىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) خۇيشەن كوچىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرى يەتكۈزىدىغان ماللارنى توشۇماقتا (2-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى