تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن): توپتوغرا 12 سائەت، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەر كېسەلخانىسىدا ئۇياقتىن-بۇياققا قاتراۋاتقان خۇ يۈچىن سەل بەرداشلىق بېرەلمەي قالغانىدى، 2- ئاينىڭ 15- كۈنى كەچ سائەت ئون يېرىمدا، خۇ يۈچىن بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخىرى ياتاققا قايتىپ ئارام ئالدى.
خۇ يۈچىن بارلىق داۋالاش خادىملىرىغا مەدەت بەرمەكتە.
خۇ يۈچىن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا قارىتا، «95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» بۇ قىز چېكىنمىدى.
ئېغىر كېسەللەر كېسەلخانىسىغا كىرىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان بىرىنچى ئىش مۇداپىئە كىيىمى كىيىش، قالپاق، ماسكا، نىقاپ تاقاش، پەلەي كىيىش ... 20 مىنۇتتىن كېيىن، خۇ يۈچىن ئاخىرى جابدۇنۇپ تەييار بولدى.
تولۇق قوراللانغان خۇ يۈچىن بىردەمدىلا پۈتۈن بەدىنى قىزىغاندەك، دېمى سىقىلىپ، ھەرىكىتى ئاستىلاپ قالغاندەك ھېس قىلدى، خۇ يۈچىننىڭ بېشىنى ئەڭ قاتۇرغىنى ئۆزىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەيدىغىنى ئىدى، ئەسلىدىلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆزەينىكى تاقايدىغان خۇ يۈچىن يەنە بىر كۆز ئاسراش ئەينىكىنى قاتلاپ تاقاشقا مەجبۇر بولغانىدى.
«مەندە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بار، كۆز ئاسراش ئەينىكىنى تاقىغاندىن كېيىن، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆزەينىكى تېزلا ھورلىشىدۇ، پەقەت ئىنچىكە قارىغاندىلا نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، ئاندىن ھور ئاستا-ئاستا كىچىك سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىپ، تۆۋەنگە تامچىلايدۇ، قول بىلەن سۈرتۈشكە بولمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئادەم ئەڭ بىئارام بولىدۇ، گەرچە يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقاشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن يوشۇرۇن كۆزەينەكنىڭ تازىلىقىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قاتلاپ تاقىساممۇ مەيلى.» خۇ يۈچىننىڭ ئېيتىشىچە، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇنجى قىلىدىغان ئىشى كۆزەينەكنى ئېلىۋېتىپ، قاڭشىرىنى ئۇۋۇلاش ئىكەن.
خۇ يۈچىن بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى تەكشۈرمەكتە.
خۇ يۈچىن بىر كۈندە 12 سائەت خىزمەت قىلىش جەريانىدا سەككىز سائەتكە يېقىن مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ كېسەلخانىدا ئۇياقتىن-بۇياققا توختىماي قاترايدۇ.
«بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئېغىر كېسەللەر كېسەلخانىسىدا تۇرىدىغان ۋاقتىمىز تەخمىنەن تۆت سائەت بولىدۇ، بەزىدە ۋاقىت سەل ئۇزىراپ كېتىدۇ، بىز ئاساسلىقى ئېغىر ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل، ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ئۈچۈن، چوقۇم كېسەلخانىدا توختىماي مېڭىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.» دېدى خۇ يۈچىن.
گەرچە ھەر كۈنى ناھايىتى ئالدىراش بولسىمۇ، ئەمما «95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» بۇ قىز قىلچە تىت-تىت بولماي، مۇداپىئە كىيىمىگە كىچىككىنە بىر يۈرەك سىزىۋالغانىدى، شۇنداقلا ئارام ئالغان ۋاقتىدا خىزمەتداشلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ، كۆپچىلىك ئۆزئارا مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشاتتى.
خۇ يۈچىن ( سولدا ) خىزمەتدىشى بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ يۈرەكنىڭ شەكلىنى چىقارماقتا.
«بۇنىڭ بىر مەيدان كەسكىن جەڭ ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، چوقۇم ئەڭ ياخشى ھالەت بىلەن خىرىسنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.» خۇ يۈچىن مۇنداق دېدى: «ھازىر نۇرغۇن تېببىي خادىم خۇبېيغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، ئىشىنىمەنكى، بىز چوقۇم بۇ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز، ۋاقتى كەلگەندە كۆپچىلىك ئۆيىگە قايتىپ جەم بولالايدۇ.»
مۇخبىر: «يۇقۇم ئەھۋالى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سىزنىڭ نېمە قىلغۇڭىز بار؟» دەپ سورىدى.
«مېنىڭ ئۆيۈم گەنسۇ جاڭيېدا، ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆيگە قايتمىغىلى بىر يىل بولدى، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ، ئاتا-ئانامغا ھەمراھ بولغۇم بار دېدى.» خۇ يۈچىن.( سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن )